ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا قاتناشقا 51 مىليارد 838 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشتى

日期:2022年09月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە 51 مىليارد 838 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان.

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، S245 لىنىيەسىنىڭ قومۇل - دۇنخۇاڭ تاشيول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ بەزىلىرى يول چىڭداش ماشىنىسىنى ھەيدەپ يول ئۇلىنى چىڭداۋاتاتتى، بەزىلىرى كۆۋرۈك سۈڭگۈچى ياساشقا ئالدىن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ يىل 3 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، قومۇل - دۇنخۇاڭ تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى، بۇ يىل ئىچىدە يول ئۇلىنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش تېزلىتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە جىددىي ئىش باشلاندى، S254 لىنىيەسى لوپنۇر - چەرچەن تاشيولى، يېتىمبۇلاق - چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەر پۈتۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسى 7500 كىلومېتىردىن ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 82نى يولغا قويغان بولۇپ، 80 مىليارد 37 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت، ئۆلكە يولى تۈرى 80 (داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 56، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 24)، قۇرۇلۇش كۆلىمى 9805 كىلومېتىر بولۇپ، 63 مىليارد 966 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى؛ يېزا تاشيولى ھۆددە تۈرىدىن بىرى بار بولۇپ، 7 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى؛ يولۇچى توشۇش - يۈك توشۇش بېكەت - مەيدانى ھۆددە تۈرىدىن بىرى بار بولۇپ، 9 مىليارد 71 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، پۈتكۈزۈپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈرلەرنى قەرەلىدە پۈتكۈزۈپ تاپشۇرۇپ قاتناش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېڭىدىن ئىش باشلانغان 18 تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم رەتلەشكە تەشكىللەپ، ھەربىر ھالقىنىڭ ۋاقىت تۈگۈنى، مەسئۇل ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ قەرەللىك تەتقىق قىلىپ، قاتلاملار بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، «قۇرۇلۇش باشلاشقا تېگىشلىكلىرىدە تېزدىن قۇرۇلۇش باشلاش، قۇرۇلۇش باشلىغىلى بولىدىغانلىرىدا تېزدىن قۇرۇلۇش باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، بىز 9 - ئاي، 10 - ئايدىن ئىبارەت قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ <ئالتۇن مەزگىلى>نى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن يىللىق مەبلەغ سېلىش ۋەزىپە - نىشانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى جېڭ مىڭچۈەن.