9- ئاينىڭ 3- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يوق، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 33ى يېڭىدىن كۆپەيدى

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

9- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يوق؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 33ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 6سى، سايباغ رايونىدا 3ى، شىمىگو رايونىدا 2سى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 15ى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 1ى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 2سى، جىمىسار ناھىيەسىدە 1ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 3ى بار؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى يېڭىدىن كۆپەيدى.

9- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 4ى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 1ى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 233ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 3ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

9- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى 28؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 1؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچى 974؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 2.

پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى