يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەيدۇ | سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ ئائېروزولنىڭ تارقىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىر سۇ لۇپىڭ

«ھازىر بار بولغان تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، نىسبەتەن زىچ بوشلۇقتا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس، بولۇپمۇ ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى ئائېروزول ئارقىلىق تارقىلالايدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، سابىق ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيەلەش-يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ خۇڭسەي.

ئائېروزول قاتتىق جىسىم ياكى سۇيۇقلۇق زەررىچىلىرى گازلىق مۇھىتقا تارقىلىپ شەكىللەنگەن تەكشى، مۇقىم تارقىلىش سىستېمىسىدۇر. ئۇنىڭ مىكرو زەررىچىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتە 0.001 مىكرومېتىردىن 100 مىكرومېتىرغىچە بولىدۇ. ئىس ۋە تۇمان دائىم ئۇچرايدىغان ئائېروزول بولۇپ، تارقىلىش سىستېمىسىدىكى مىكرو زەررىچىلەر سۇيۇقلۇق بولۇپ شەكىللەنگەن ئائېروزول ئادەتتە تۇمان دەپ ئاتىلىدۇ، مىكرو زەررىچىلەر قاتتىق جىسىم بولۇپ شەكىللەنگەن ئائېروزول ئادەتتە ئىس دەپ ئاتىلىدۇ.

ئادەم نەپەس ئالغاندا، سۆزلىگەندە ۋە يۆتەلگەندە كۆپ مىقداردا نەپەس يولى ئائېروزول دانچىلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ، كىچىك ئائېروزول دانچىلىرى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقتىن، ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدۇ ھەمدە نەچچە سائەت ياشىيالايدۇ. ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلار ئائېروزول بىلەن تولغان رايونغا بارغاندا يۇقۇمنى سۈمۈرۈۋېلىپ، يۇمۇملىنىش خەتىرى بولىدۇ.

ئائېروزول قويۇپ بەرگۈچىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا يېقىن جايدا ئۇنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، يۇقۇم مەنبەسى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجىي ھالدا ھاۋا تەرىپىدىن سۇيۇلدۇرۇلىدۇ، بۇمۇ تېمپېراتۇرا، نەملىك، ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ جانسىزلىنىدۇ.

شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولغان بوشلۇقتا، پەقەت يېقىن ئارىلىقتىلا ئائېروزول تارقىلىدۇ؛ لېكىن، شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىغان ياكى قىستاڭ مۇھىتتا، مەيلى يېقىن ئارىلىقتىكى ياكى يىراق ئارىلىقتىكى ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلار بولسۇن، ھەممىسى يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرى ئىچىدە تۇرىدۇ.

«نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق ئۈچ خىل تارقىلىش يولى بار.» ياڭ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: بىرىنچى، نەپەس يولى چاچراندىلىرى ۋە زىچ ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ؛ ئىككىنچى، نىسبەتەن يېپىق مۇھىتتا ئائېروزول ئارقىلىق تارقىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىش يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان بوشلۇق ۋە سورۇندا، بارلىق تارقىلىش يوللىرى ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، رولىنى مۇستەقىل جارى قىلدۇرالايدۇ ياكى ھەمكارلىشىش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

ياڭ خۇڭسەي مۇنداق تەكلىپ بەردى: سىرتقا چىققان كىشىلەر ماسكا تاقىشى، كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا بارماسلىقى، باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا بىر مېتىردىن يۇقىرى بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلىشى، قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىشى، ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

ئۆي ئىچىدە دېرىزىنى پات پات ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۆينىڭ ئەۋرەز يولىنى ئىتىپ قويۇش، سولياۋ خالتىغا سۇ ئېلىپ چىڭ چىگىپ، يەردىكى ئەۋرەز تۈشىكىگە قويۇپ، تۆشۈكىنى ئېتىۋېتىش كېرەك؛ ھاجەت تۇڭىدىن سۇ ماڭدۇرۇشتىن ئاۋۋال ھاجەتتۇڭىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ، ئائېروزولنىڭ ھاجەت تۇڭىنىڭ سىرتىغا چاچراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ بۇستاتقۇنى ئېچىپ تاماق ئەتكەندە دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، بۇس يولىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەتۈر ئېقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك؛ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆي ئىچىنىڭ تازىلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ سىرتتىن كەلگەنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئامال بار ئارىلىق ساقلاش، ماسكىنى ياخشى تاقاش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى