بۈگۈن (9-ئاينىڭ 5-كۈنى) قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بۈگۈن (9-ئاينىڭ 5-كۈنى) تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ،شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

9-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 8دە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق، قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، شەھەرگە ئالتۇن نۇرىنى چاچتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ ۋېي فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 19 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. ئەتىگەن، كەچتە ئۆزىڭىزنى راھەت ھېس قىلىسىز، چۈشتە ئىسسىق، ھاۋا قۇرغاق، مۇۋاپىق سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، سەپەرگە چىققاندا ئەڭ يېڭى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ.

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، تىيانشاننىڭ شىمالىي يانباغرى، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوت ئاپىتى مېتېئورولوگىيە دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىپ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ۋە ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يىغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارمۇ-قارشى ئېقىنلىق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ، ئارىلاشما كەلكۈن، لاتقا-شېغىل ئېقىنى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

بۈگۈن ئازراق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3013 لىنىيەسى، G314 لىنىيەسىنىڭ كوناشەھەردىن قونجىراپقىچە بولغان بۆلىكى، ئاچالدىن توقسۇغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، G315 لىنىيەسىنىڭ قاغىلىقتىن نىيەگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، G219 لىنىيەسى.