باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېقىندا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى. جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن، قادېن كەبىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ماركسىزملىق مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى ئىگىلەش، دەۋرنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تىكلىدى. بۇ مۇھىم ئىدىيە جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئۇ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 ـ ئەسىر ماركسىزمى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلمىي كۆرسەتمە، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىگە باي قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئىلمىي ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكىنى، پارتىيەمىزنىڭ جېنى ۋە بايرىقى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، بۇ تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق، ئىلمىي سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن نەزەرىيەۋى لوگىكا، تارىخىي لوگىكا، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك چارە ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.