باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش تاماملاندى

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، بىر يېرىم كۈن داۋاملاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش تاماملاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر قاتار ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، ھەم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق قايتا ئۆگىنىش، قايتا ئويلىنىش، قايتا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قايتا ئۆستۈرۈشتۇر. ئۆگىنىش ـ مۇھاكىمىنىڭ باش تېمىسى گەۋدىلىك، مەزمۇنى مول، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىشنى غايە ـ ئېتىقادتا، سىياسىي تۇرمۇشتا، مەيدان ـ ئىرادىدە، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا نامايان قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قان تومۇرغا، روھقا سىڭدۈرۈپ، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا زىچ ئەگىشىش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كۈچلۈك تەدبىرى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، دەيدىغان مەنىۋى مەنزىل، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك، دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان تۈپ ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى خىزمەتلەرنى پىلانلاش، سىياسەت تۈزۈش، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا نامايان قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش، جايىدا ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، بەش كۇرسانت ۋەكىلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.