8 ـ ئايدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئايلىق سىرتقا توك يەتكۈزۈش رېكورتى يارىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8 ـ ئايدا شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارى 13 مىليارد 480 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئېشىپ، ئايلىق سىرتقا توك يەتكۈزۈش رېكورتى يارىتىلغان.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 86 مىليارد 340 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشقان. بۇ توك مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنىڭ 26 كۈن ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ. ئەگەر يېقىلغۇ كۆمۈر بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ توكنى ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان كۆمۈرنى توشۇپ بولۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 600 مىڭ ۋاگون كېتىدىكەن.

بۇ يىل تومۇز يازدىكى پەللىدىن ئۆتۈش مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمى، ئوتتۇرا قىسمىدا سىجىل داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ھەمدە غەربىي جەنۇب، سەنشيا قاتارلىق رايونلاردا سۇ، توك ئازىيىپ كېتىشنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش، ئېھتىياج ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، تومۇز يازدىكى پەللە مەزگىلىدىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، بۇ رايونلارنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكىدە داۋاملىق يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىش ھالىتى ساقلانماقتا.

مول بولغان شامال، يورۇقلۇق، كۆمۈر بايلىقىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە يەتكۈزۈپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تەمىناتى بىلەن ئىستېمالنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقا تور، سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان تۆت يول» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشكە يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىش + بازارلاشتۇرۇپ سىرتقا يەتكۈزۈش شەكلىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. بىر تەرەپتىن، يۈرۈشلەشكەن توك مەنبەسى، كېلىشىمدىكى توك مىقدارى، توك يەتكۈزۈش پىلانى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىق كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ، رايون ھالقىپ توك يەتكۈزۈشتىكى تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يىللىق سودا مىقدارى بىلەن ئايلىق سودا مىقدارى بىر ـ بىرىنى تولۇقلاش، رايونلارنىڭ توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش بويىچە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا تەشكىللەش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىپ، سودا تەشكىللەش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، سىرتقا يەتكۈزۈش ئەگرى سىزىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېشىنچا توك مىقدارىدا سىرتقا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك توك مىقدارىنى تولۇق يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.