ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندىكەسىپلەر تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك كۆزىتىش (4)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

8 ـ ئايدا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن يەنە خۇش خەۋەر تارالدى، يازلىق ئاشلىق كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇلدا «ئۈچتە ئېشىش» ئىشقا ئاشتى، ئومۇمىي ھوسۇل 6 مىليون 552 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئاشتى. شىنجاڭنىڭ ئۇدا كۆپ يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

ئاپتونوم رايون «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى باش ۋەزىپە قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»ىنى مۇستەھكەملىدى.

تېرىلغۇ يەر ۋە ئۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچ تۇتۇلدى

شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردىن يىراق، قاتناش توشۇش ئارىلىقى ئۇزۇن، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە جەزمەن ئۆزىنى ئۆزى قامدىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون تېرىلغۇ يەر ۋە ئۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بۇغداي، قوناقنى ئاساس قىلغان، شال، پۇرچاق، ياڭيۇ تۈرى، قارا ئاشلىقنى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

تېرىلغۇ يەر ئاشلىقنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭ باشتىن ـ ئاخىر ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمى ۋە ئەڭ قاتتىق بولغان يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونىنى ئايرىش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يەرنى قۇۋۋەتلەش ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئۈستىدە توختالغاندا، دۆربىلجىن ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى يېزىسى بالىيىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يەن كەيشىن ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز رەتلىك، تەكشى، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا قولايلىق، شۇنداقلا زامانىۋى ئۆسۈملۈك ئاسراش تېخنىكىسىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.» يەن كەيشىن مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز پۈتكەندىن كېيىن، ئائىلىمىز تېرىغان كۆممىقوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 800 كىلوگىرام ئەتراپىدىن 1200 كىلوگىرامغا يېتىپ، ھەر مو يەردىن 800 يۈەندىن ئارتۇق كۆپ كىرىم قىلدۇق، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ھەر مو يەرنىڭ باشقۇرۇش تەننەرخىنى 350 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەنلەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقىت تۈگۈنى تەلىپى بويىچە، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سۈپەت باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەر تۈزلەش، ئېتىزلارنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 42 مىليون 890 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى، بۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايون تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %40.6ىنى ئىگىلەپ، ئېتىز، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بۇغداي، قوناق، كېۋەز، خاس زىرائەتتىن ئىبارەت «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىغا، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش كۈچىگە ۋە بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە تايانچ ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قازدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %98تىن ئاشتى، بۇغداي، شال قاتارلىق ئەلا سورتلارنىڭ كېڭەيتىلىشى ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى ئۇرۇقچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ گۇەنيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون بۇغداي، قوناق، كېۋەز، خاس زىرائەتتىن ئىبارەت «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى «بەشلەشتۈرۈش» (كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش) قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش يادرولۇق رايونى ۋە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋزەل بازا بىلەن ئەۋزەل كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

تەمىنلەش قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ ئىلغار تېخنىكا كېڭەيتىلدى

شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاشلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. شىندۇڭ 52 ـ نومۇر، شىندۇڭ 22 ـ نومۇر، شىنچۇن 37 ـ نومۇر قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تېرىلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك خام ماتېرىيالغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

«بۇ يىللاردا بىز شىندۇڭ 22 ـ نومۇرلۇق ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كارخانىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك بۇغدايغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق.» گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىغان دېھقان جۇ بىڭ مۇنداق دېدى: بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا تايىنىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش زاكاز تالونى ئىمزالاپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينى تېخىمۇ ياخشى باھادا سېتىپ، ھوسۇلنى ھەم كىرىمنى ئاشۇردى.

ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاپتونوم رايون بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. شىمالىي شىنجاڭدا ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئورگانىك، مول سېلىنلىق بۇغداي قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش تېزلىتىلىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا مىقدارنى ئاشۇرۇشتىن مىقدار، سۈپەتنى ئورتاق ئۆستۈرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىش ئالغا سىلجىتىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈلۈشى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان بۇغداي تەمىناتى سىستېمىسى تېز شەكىللەندۈرۈلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوناق كەسپىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان، يېشىل بولغان ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشى ئالغا سىلجىتىلدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى يىلدىن ـ يىلغا ئاشقان، بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر كىلوگىرامىنىڭ 3.2 يۈەنگە يەتكەن، بۇ، بۇغداي سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرگەن.

ئەلا سورتقا ياخشى ئۇسۇلنى سەپلەش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمىتى يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىقنى يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى ئاشلىقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىغا ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئاساسلىق تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تېخنىكىلارنى تاللاپ، ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش، ساپلاشتۇرۇپ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق «ئەلا سورت + ياخشى ئۇسۇل»دىن ئىبارەت تېرىقچىلىق، پەرۋىش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈرتكىلىك رولىنى قېزىپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىقنى يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي گىرۋىكى، چۆچەك ـ دۆربىلجىن ئويمانلىقى، ئىلى دەرياسى جىلغىسى، تارىم ئويمانلىقىدىكى نۇقتىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي، قوناقنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى مەركەزلىك بەرپا قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.

كەسىپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئاشلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئېتىزدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىلىرىنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق.

«مەيشىن ئۇنى، شۆخۇا ئۇنى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردە سېتىلىش مىقدارى يىلدىن ـ يىلغا ئاشتى.» شىنجاڭ ساڭمەييۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما خۇڭيوۋ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك خام ماتېرىيال زامانىۋىلاشقان پىششىقلاش ھۈنەر ـ سەنئىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇن ئىشلەپچىقىرىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كارخانىنىڭ ھۈنەر ـ سەنئىتى، تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، مەھسۇلات تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئورگانىك ئۇن، رېتسېپلىق ئۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلار تەتقىق قىلىپ ئېچىلىپ، شىنجاڭ بازىرىدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق كەسپىگە مەسئۇل تارماقلىرى تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭ ئۇنىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇن ماركا بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، كەسپىي جەمئىيەتلەر، كارخانىلار قول تۇتۇشۇپ «شىنجاڭ ئۇنى» رايون ماركىسىنى ياراتتى، شىنجاڭ ئاشلىق كەسپىي جەمئىيىتى باشلامچىلىق بىلەن «شىنجاڭ ئۇنى» كەسىپلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇردى، نۇرغۇن كارخانا ئۆمەك تەشكىللەپ «شىنجاڭ ئۇنى» كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ قاتتىق سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن مەھسۇلاتلارنى ئىستېمالچىلارغا سۇنىدۇ.

نۆۋەتتە، «شىنجاڭ ئۇنى» كەسىپلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تاماملاندى، شىنجاڭ بولكا ئۇنى، جۇۋاۋا ئۇنى، مەيشىن ئۇنى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 نەچچە شەھەرگە سېتىلىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلاردا پۇت تىرەپ تۇرماقتا.

بۇغدايدىن ھوسۇل ئېلىشتىن پىششىقلاشقىچە بولغان پۈتۈن ھالقىدىكى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى 65 ناھىيە(شەھەر)دە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىدىن 84نى قۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنى «ۋاكالىتەن ئادالاش، ۋاكالىتەن قۇرۇتۇش، ۋاكالىتەن ساقلاش، ۋاكالىتەن پىششىقلاش، ۋاكالىتەن سېتىش» قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئاشلىق زىيىنىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئاشلىق سېتىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركەزلىرى تەسىر كۆرسىتىدىغان رايونلاردىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 23 مىليون 100 مىڭ مو، مۇلازىمەت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %34.5 بولۇپ، مۇلازىمەت بىلەن قاپلانغان رايونلار ئىچىدىكى ئاشلىقنىڭ خورىشى، ئىسراپ بولۇشى ۋە كۆكىرىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان زىيان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش شارائىتىدا ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئاشلىق يىغىۋېلىش، ئاشلىق ساقلاش، ئاشلىق سېتىش، ئادالاش، قۇرۇتۇش قاتارلىق بىر قاتار قىيىن مەسىلىلىرى ھەل بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى ياڭ جېنلى مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى پائال بەرپا قىلىدۇ، ئاشلىق ساھەسىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ساھەنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا كۈچەش بىلەن بىللە، سۈپەت، ماركا، سورت قاتارلىق جەھەتلەرگە ماس قەدەمدە كۈچەپ، ئاشلىق ـ ياغ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سۈپەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشلىق ـ ياغ ئىشلەپچىقىرىدىغان باشلامچى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى ئېقىندىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى قوللاپ، زىچ بولغان مەنپەئەت باغلىنىشى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەلا سۈپەت، يۇقىرى باھا ئارقىلىق يۇقىرى ئېقىننى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىنچىكە پىششىقلاشنى تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئەشيا ئوبوروتى، ماركېتىڭ ۋە مۇلازىمەت تورى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ـ ياغ مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقىنى ۋە ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.