150 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يەرلىك زايوم ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق 6 ـ تۈركۈمدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىدىن 4 مىليارد 130 مىليون يۈەننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن، ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز تارقاتقان يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى جەمئىي 155 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن بىر يىلدىكىدىن 10 مىليارد 160 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى سىجىل مالىيە كۈچى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون چىقارغان ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللىدى.

1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 127 مىليارد 60 مىليون يۈەنلىك يېڭىدىن كۆپەيگەن زايوم، 28 مىليارد 740 مىليون يۈەنلىك قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش زايومى تارقاتتى. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن زايوم مەبلىغىنىڭ ھەممىسى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، سەھىيە ـ ساغلاملىق، شەھەر مەمۇرىيىتى ۋە كەسىپلەر باغچە رايونى ئۇل ئەسلىھەلىرى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىپ، قارابەل سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىغا مەبلەغ سېلىش توپىنى كۆپەيتىپ، كەڭ ئاممىنى يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 6 ـ ئايدا ئاپتونوم رايون مالىيەسى بانكا پوكىيى ئارقىلىق شەخسلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك ئاپپاراتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا 350 مىليون يۈەن پوكەي زايومى تارقاتتى، بۆلۈپ سېتىلغان تۇنجى كۈنى چۈشتىن بۇرۇنلا سېتىلىپ بولدى، بۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى.