«شىنجاڭنىڭ سۇپا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى (2022)» ئېلان قىلىندى

日期:2022年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى، شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى، شىنجاڭ رەقەملىك گۇۋاھنامىگە ئىسپات بېرىش مەركىزى بىرلىكتە تۈزۈپ تاماملىغان «شىنجاڭنىڭ سۇپا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى (2022)» رەسمىي ئېلان قىلىندى.

تۈزۈش گۇرۇپپىسى «دوكلات»نى 5 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە ئالتە تۈر بويىچە 37 سۇپا كارخانىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2022 ـ يىلى شىنجاڭدىكى 37 سۇپا كارخانىسىنىڭ تىزىملاتقان ئورۇن مۇئامىلىدارى 3 مىليون 907 مىڭ 800 گە، شەخسىي مۇئامىلىدارى 17 مىليون 490 مىڭغا، سودىلىشىش (مۇلازىمەت) قېتىم سانى 26 مىليون 95 مىڭ 500 گە، سودىلىشىش (مۇلازىمەت) سوممىسى 266 مىليارد 362 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 2021 ـ يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، سۇپا سانى، سۇپىدىكى ئورۇن ۋە شەخسىي مۇئامىلىدارلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەرتىپ بويىچە %48، %70.65، %231.99 بولغان.

«دوكلات»نىڭ ئاساسلىق تەييارلىغۇچىسى، شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن بىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئورۇن مۇئامىلىدارلىرى سانىنىڭ كۆپىيىشى ئاساسلىقى كەسىپ ئۇچۇر مۇلازىمەت (چوڭ سانلىق مەلۇمات) سۇپىسىنىڭ كۆپىيىشىدىن شەكىللەنگەن؛ شەخسىي مۇئامىلىدارلار سانىنىڭ كۆپىيىشى ئاساسلىقى كەسىپ ئۇچۇر مۇلازىمەت (چوڭ سانلىق مەلۇمات) سۇپىسى، شۇ جايدىكى تۇرمۇش سۇپىسى، تەمىنلەش زەنجىرى سۇپىسىنىڭ كۆپىيىشىدىن شەكىللەنگەن.

ئالتە چوڭ سۇپا ئىقتىساد تۈرى ئىچىدە، كەسىپ ئۇچۇر مۇلازىمەت (چوڭ سانلىق مەلۇمات) سۇپىسى يەنىلا شىنجاڭنىڭ سۇپا ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى تايانچ كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ ئورۇن، شەخسىي مۇئامىلىدارلىرى سانى بىردەك بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا بىردەك زور دەرىجىدە ئاشتى؛ شۇ جايدىكى تۇرمۇش سۇپىسىدا سودىلىشىش (مۇلازىمەت) قېتىم سانى ئالتە تۈرلۈك سۇپا ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، شەخسىي مۇئامىلىدارلار سانى، ئورۇن مۇئامىلىدارلىرىنىڭ سودىلىشىش (مۇلازىمەت) قېتىم سانى بىردەك ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى؛ سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىدىكى ئورۇن مۇئامىلىدارلار سانى، سودىلىشىش (مۇلازىمەت) سوممىسى ئالتە تۈرلۈك سۇپا ئىچىدە بىردەك ئەڭ ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئورۇن مۇئامىلىدارلىرىنىڭ سودىلىشىش (مۇلازىمەت) قېتىم سانى ئالتە تۈرلۈك سۇپا ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، سۇپىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، تەرەققىيات تېز يولىغا كىردى.

«شىنجاڭ روشەن رايون ئورنى، بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىسى (مۇلازىمىتى)، تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق ساھەلەردە دۆلەت ئىچىدە تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم سۇپا يېتىلدۈرۈپ چىقىش ئېھتىمالى ناھايىتى زور» دېدى چېن بىڭ.

«دوكلات» − تۈزۈش گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان ئۈچىنچى پارچە سۇپا ئىقتىسادىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى بولۇپ، تەتقىقات ئاساسىي گەۋدىسى كەسىپ ئۇچۇر مۇلازىمەت (چوڭ سانلىق مەلۇمات) سۇپىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك سۇپىغا چېتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە سۇپا سودىلىشىش (مۇلازىمەت) قېتىم سانى، ئورۇن مۇئامىلىدارلىرىنىڭ سودىلىشىش (مۇلازىمەت) قېتىم سانى، يەككە سودىلىشىش (مۇلازىمەت) سوممىسى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار يېڭىدىن كۆپىيىپ، سۇپىنىڭ جانلىقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۇنجى قېتىم توغرىسىغا، ئۇزۇنسىغا ئىككى يۆنىلىش بويىچە سۇپا تەرەققىياتى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەمدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا سېلىشتۇرما تەھلىل ئېلىپ بېرىلدى.

«دوكلات»تا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ سۇپا ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، يەنە سىياسەت مەدىتى سالمىقى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش ۋە سېلىنمىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق تەرەققىيات بوغما ھالىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، چېن بىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەۋزەل كەسىپلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى (كەسىپ ئالاقە تورى سۇپىسى) قۇرۇش ئارقىلىق ھازىر بار بولغان سۇپا كارخانىلىرى قىلىشنى خالىمايۋاتقان، ياخشى قىلالمايۋاتقان كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى ھەل قىلىش؛ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق سۇپا كارخانىلىرىنىڭ يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىشىغا ياردەم بېرىش؛ سۇپا كارخانىلىرىنى مەبلەغ مەدىتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەش؛ سۇپا كارخانىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، سۇپا ئېكولوگىيەسىنىڭ جانلىقلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.