ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年09月04日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى​

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ مەمۇرلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ مەمۇرلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامىدا «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى يۈكسەك تەقدىرلەيدىغانلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مەمۇرلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، كۆپچىلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى، ئۇلار پۈتۈن ئاپتونوم رايون مەمۇرلار قوشۇنىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر. كۆپچىلىكنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى كۈچلۈك خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىپ، «خەلق رازى بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ مەمۇرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىشى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر پۇقرالار ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبدىشى، سىردىشى، يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پاك بولۇپ، يۈكسەك ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتى ۋە چەكلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى مەمۇرلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ مەمۇرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

جاڭ جۇ، قادېن كەبىن، جاڭ ۋېنشېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.