بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

日期:2022年09月04日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، سودا مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى، جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتا شىركىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم «تور + تور سىرتى» ئەندىزىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«باشلىنىش ۋاقتى بېكىتىلىشى بىلەنلا، بىز ۋىيشىن، تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلار بىلەن ۋاقتىدا ئۇدۇللاشتۇق، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىمۇ تەرتىپ بويىچە كەينىگە سۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.» شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ دىچياڭ مۇنداق دېدى: «قايتىدىن تەڭشەلگەن كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە بولۇپ، نۆۋەتتە تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي ئالغا سىلجىتىلماقتا».

ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چېگرا ئىچىدە تىزىملاتقان كارخانا 1908 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىدىن 1857سى، خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كارخانىلىرىدىن 51ى بار. دۇنيا ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، دۆلەت ھالقىغان كارخانىدىن 22سى ۋە 110 باشلامچى كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.

توردا ئالاقىدار مەيدان - سارايلارنى قۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. «ھازىرغىچە 2641 كارخانا تور كۆرگەزمە سۇپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى. شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش بۆلىكىدە، يەنە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم باغچە رايون تۈرلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، 3D، 2Dلىق مودېللاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى باغچە رايونلىرىنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى نامايان قىلىنىدۇ» دېدى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ شياۋبىن.