ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 175 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2022年09月04日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 175 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئوت ئاپىتى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوت ئاپىتى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، ھادىسە سەۋەبىنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ھادىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىقلاش، ھادىسە ساۋىقىنى يەكۈنلەش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت ئاپىتى خەۋپ - خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوت ئاپىتى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆينى ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىش، سودا ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت قورال ساندۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، باسقۇچلۇق كىرېدىت سىياسىتى ۋە بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس قەرز پۇلىنى قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە جانلىق ئىشلىتىپ، ئۆي - زېمىن بازىرى تەرتىپىنى سىجىل تەرتىپكە سېلىپ قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي بولغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلىتىش قىيىن بولۇش، تەستىقلاش سۈرئىتى ئاستا بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا مەدەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى بايقاش، ھۆكۈم قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ھەل قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.