8- ئاينىڭ 29- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 14ى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 40ى يېڭىدىن كۆپەيدى

日期:2022年08月30日
来源:天山网
【字体:

8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 14ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 1ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگىنىدىن 13 (ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 4ى، سايباغ رايونىدا 3ى، شىمىگو رايونىدا 5ى، مىدۇڭ رايونىدا 1ى) بار؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 2 يۇقۇملانغۇچى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 40ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 7سى، سايباغ رايونىدا 2سى، شىمىگو رايونىدا 5ى، مىدۇڭ رايونىدا 1ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 17سى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 1ى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 3ى، جىمىسار ناھىيەسىدە 3ى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە 1ى بار.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 7سى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 228ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى 53؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 2؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچى 1776؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 1.

پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى