چەبدەس «مۇلازىم» بولايلى

日期:2022年08月30日
来源:天山网
【字体:

چېن ۋېن

يېقىندا، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايون 15 ماددىلىق سىياسەت - تەدبىرنى چىقىرىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەتتە ئالدىن كۈچەش، دەل ۋاقتىدا كۈچ قوشۇشتەك ئېنىق سىگنالنى قويۇپ بەردى. سىياسەتنى تېزدىن جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېقىن ئارىلىقتا قەلبداش بولۇپ ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ياخشى «مۇلازىم» بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر قارىماققا كىچىك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەربىر ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا ۋە يەككە سودا - سانائەتچىگە ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە تىرىكچىلىك يولى تۇتاشقان بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مېھىر - مۇھەببەت بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى «مۇلازىم» بولۇپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.

ياخشى «مۇلازىم» بولۇشتا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئالدى بىلەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. 15 ماددىلىق تەدبىردە كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش «بىرىكمە مۇشت»ى ئېتىلدى، بۇ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سۇ، توك، گاز ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، باجنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ساياھەتچىلىك كەسپىنى جانلاندۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسەتنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ياخشى سىياسەتنى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ئەينەن يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىپ، تېزدىن «داۋان ھالقىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ.

ياخشى «مۇلازىم» بولۇش ئۈچۈن، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىنكاس بولسا جەزمەن جاۋاب قايتۇرۇشى، ئېھتىياج بولسا جەزمەن قاندۇرۇشى كېرەك. قانچىلا سۆزلىگەن بىلەن، ئەمەلىيلەشتۈرمىسە ھەممىسى قۇرۇق گەپ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەتكە تۇرغۇزۇپ زىيارەت قىلىپ، ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، مۇلازىمەتتە «يوچۇق بولماسلىق» «نۆل ئارىلىق» «پۈتۈن كۈنلۈك» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈمىدنى ھېس قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ھازىر دەل پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چەبدەس بولۇپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ياخشى «مۇلازىم» بولۇپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدىكى ئىشلارغا چاقىرغان ھامان ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولۇش، پۇختا تۇتالايدىغان بولۇش، زىددىيەتكە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش، ئىشنى ياخشى قىلالايدىغان بولۇش، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان بولۇش، نەتىجە يارىتالايدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)