شىنجاڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى

日期:2022年08月30日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

«بۇ يىل، شىركىتىمىز قۇرۇۋاتقان، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇۋاتقان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن جەمئىي يەتتە تۈر بار بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا بىر تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قالغان ئالتە تۈر تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ» دېدى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش شۆبە شىركىتى بىخەتەرلىك رېۋىزىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خو جېڭخۇا.

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى «بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش، بىر قولدا سۈرئەتنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، قۇرۇلۇش مەشغۇلات نەق مەيدانى ۋە خادىملارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەرقايسى قۇرۇلۇش تۈر بۆلۈملىرىنىڭ خادىملىرىنى «ئىككى نۇقتا، بىر لىنىيە» تەلىپى بويىچە يېپىق ھالقىسىمان باشقۇردى، قۇرۇلۇش مەشغۇلات پىلانىنى تەڭشەش ئارقىلىق قۇرۇلۇش مەشغۇلات دائىرىسىنى جانلىق تاللاپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلۇۋاتقان 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا قەرەلىدە قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىلى - بورتالا ئوبلاستى - شىخو - فېڭخۇاڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇش ئۆتكۈزگۈچ سىمنى تارتىش باسقۇچىغا كىردى، تۆمۈر مۇنارنى قۇراشتۇرۇپ تىكلەش خىزمىتىنىڭ %98.68ى، ئۆتكۈزگۈچ سىمنى تارتىش خىزمىتىنىڭ %55.8ى تاماملاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈن لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

فېڭخۇاڭ - ياجۇڭ - داۋانچىڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىمۇ ئۆتكۈزگۈچ سىم تارتىش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى - سانجى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، فېڭخۇاڭ - ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىي II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەمدە دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيەسى، لۇئەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ۋە ئۈرۈمچى - ۋۇجاچۈ توك يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك يەتكۈزۈلىدىكەن.