ئالدىنقى يەتتە ئايدا دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 579 مىليون يۈەنگە يەتتى

日期:2022年08月30日
来源:天山网
【字体:

بايلىق ئەۋزەللىكى تېزدىن تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلدى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 579 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئالدىنقى يەتتە ئايدا، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش كىرىمى 5 مىليارد 587 مىليون يۈەنگە، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 579 مىليون يۈەنگە، تاپشۇرغان باج ۋە ھەق 1 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى. لوپنۇرنىڭ كالىيلىق تۇز بايلىقىنى ئېچىش شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۈۋرۈكنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بايلىق ئەۋزەللىكى تېزدىن تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلانماقتا.

لوپنۇر تۇز كۆلى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى چىڭخەي چارخان تۇز كۆلىدىن كېيىن بايقالغان بىردىنبىر تەركىبىدە كالىي بولغان چوڭ تىپتىكى تۇزلۇق سۇ كان ياتمىسى. 2000 - يىلى 9 - ئايدا، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يەردە كالىيلىق تۇز ئېچىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

«بىز لوپنۇرنىڭ تەبىئىي تۇزلۇق سۇ بايلىقىنى ئېچىپ كالىي سۇلفات ئېلىشنى ئاساسىي كەسىپ قىلىپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايلىق، بازار، يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق، كالىي سۇلفاتنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 600 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە بىرىكمىلىك كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دۆلەت ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى يەككە تۈر بويىچە چېمپىيون ئۈلگىلىك كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ» دېدى دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور لى شوۋجياڭ.

لوپنۇرنىڭ «ھالاكەت دېڭىزى» دېگەن نامى بار. دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا كالىي تەركىبلىك ماگنىي سۇلفاتلىق ئىككىلەمچى تۇزلۇق سۇدىن كالىي سۇلفات ئېلىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىن تېمىنى ھەل قىلدى، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مەھسۇلات سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولغان كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى، كالىيلىق ئوغۇت بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نىسبىتىنى %50تىن ئارتۇققا يەتكۈزۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ يەرشارىۋى كالىيلىق ئوغۇت بازىرىدىكى سۆز ھوقۇقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

لى شوۋجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدا، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتى»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، لوپنۇر تۇز كۆلى بايلىقىنى چارلاش - تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، تۇز كۆل بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كەسىپلەشتۈرۈش تېخنىكىسى، يېڭى تىپتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كالىيلىق ئوغۇت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، بايلىقنى پەلەمپەيسىمان، كۆپ مەنبەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش، پايدىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان كالىي سۇلفات، كالىي سۇلفاتلىق ماگنىيلىق ئوغۇت، تېز ئېرىيدىغان كالىي سۇلفات قاتارلىق ئون نەچچە خىل «لوپنۇر» ماركىلىق مەھسۇلاتى بار. لوپنۇر تۇز كۆلىنىڭ تۇزلۇق سۈيىدىن لىتىي ئايرىش، بىروم ئايرىش ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىماقتا، لوپنۇر تۇز كۆلىنىڭ تۇزلۇق سۈيىدىن لىتىي ئايرىش تۈرى پات ئارىدا قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ.

دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، جەمئىي 20 مىليون توننىدىن ئارتۇق كالىي سۇلفات مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقاردى، ساتتى، جەمئىي 12 مىليارد 980 مىليون يۈەن باج ۋە ھەق تاپشۇردى ھەم جەمئىيەتنى 4000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، شىركەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ %90تىن كۆپرەكى شىنجاڭلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈريول تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتى، بىناكارلىق، مۇلازىمەت كەسپى، ئۆي - زېمىن كەسپى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.