ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

日期:2022年08月30日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، پەن - تېخنىكا تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىش، تېخنىكا توختامىنى تىزىملاشنى ياخشى ئىشلەش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار توپىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ياردەم قىلىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش، رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ۋە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، سەر خىل كۈچلەرنى تاللاپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن يىللىق بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يىغىن سىن شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.