«شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇق»

日期:2022年08月30日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى ھەم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، ئەلچىلەر مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭنىڭ يېتەكلىشىدە «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى زور ئىشتىياق بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلدى. قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ كۆزنىكى بولغان بۇ مۇزېيدا، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي كىتابلار، تارىخىي پاكىتلار ساقلانغان بولۇپ، ئەلچىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

گامبىيەنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى داكوستا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قېتىملىق قالتىس كۆڭۈللۈك سەپەر بولدى، شىنجاڭ خەلقى مەندە قالدۇرغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات شۇ بولدىكى، ئۇلار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن».

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە - زىيارەت قىلغاندا، خىزمەتچى خادىملار ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر بۆلەك سىن، ھەربىر ماددىي بۇيۇم ئارقىلىق ئەلچىلەرگە تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشتا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تونۇشتۇردى.

سېررالېئوننىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گوبارى مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقانداق بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەت تېررورىزم، ئەسەبىزمگە ھەرگىز تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ، بىز جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چوڭقۇر قايىل بولدۇق.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ئەلچىلەر ئىسلام دىنى شۆيۈەنى كۇتۇپخانىسى، ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ئەلچىلەر بىلەن كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنى جۇڭگودا، شىنجاڭدا ناھايىتى ياخشى ۋارىسلىق قىلىنىشقا ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىمىز مۇسۇلمان ئاممىسىغا تولۇق غەمخورلۇق قىلدى.

داكوستا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرغانلىقى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى قانداق ئۇسۇلنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپتۇ».

ئېرىترېيەنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق دىپلوماتىك ۋەكىلى ئىدىرىس، زىمبابۋېنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ساماسۇ، لائوسنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى سوسى چاكې، سومالىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ئابىد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى رېئال ھەم كونكرېت بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىپتۇ.

ئەلچىلەر ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا كېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىكى بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغانلىقىنى ئىگىلىدى. لېسوتونىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ماتگاما، كوتېدىۋويرېنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى كېندىيا، ئىراقنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ئاتايى، گامبىيەنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى داكوستا، كامېروننىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى بوسى قاتارلىقلار مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل بولدۇق، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇق».

8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر جۇڭگو شىنجاڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدى.