​يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2022年08月12日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى

​يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك

​لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى تېزدىن توسۇپ، يۇقۇم خەۋپىنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئالتە شەھەر رايونىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى. چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا كېلىپ، سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، ھۆكۈم قىلدى، قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشنى كۈچەيتىش، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كاپالەت ئورۇنلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ئۈرۈمچىگە كىرىش - چىقىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، خېسۇەن تەكشۈرۈش، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، مال ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت قاتلىمىدا ئاممىنىڭ پىكرى ۋە كەيپىياتىنى كۆزىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈگۈن ۋە چوڭ مېڭە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، بۇيرۇق ئېنىق بولۇش، سىستېما تەرتىپلىك بولۇش، بۆلەك راۋان بولۇش، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېز، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش، كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى ۋە «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن پوزىتسىيە بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك. كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك خېسۇەن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تېگى - تەكتىنى تېز ئېنىقلاپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان خادىملاردىن بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماي تاسقاپ تەكشۈرۈش كېرەك؛ مەھەللىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپى بولۇشتەك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈچىنى تولۇقلاپ، دائىرىلەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەڭ كىچىك بىرلىككىچە، ھەربىر كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەن خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى قىزغىنلىق ۋە ھارارەتلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ مۇھىم بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «كۆكتات سېۋىتى» «ئاشلىق» قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاممىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالىنىش، كېسەل كۆرسىتىش، كەيپىياتنى تەڭشەش، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئاددىي، قوپال بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىلتىماس - تەلەپلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، مەسىلىلەرنى چىن كۆڭلىدىن ھەل قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ كارخانىلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك؛ نوپۇزلۇق ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە توردىكى ئاممىنىڭ پىكرىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، ئىجابىي تەشۋىقات يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىقتىدار، سەۋىيەنى سىنايدىغان ئەمەلىي جەڭدىكى چېنىقىش سىنىقى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، رايونلار ماسلىشىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، خىزمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.