ۋاقىتلىق «تىنچ»لىنىش پەقەت تېز «ھەرىكەتكە كېلىش» ئۈچۈندۇر

日期:2022年08月12日
来源:天山网
【字体:

شۈ چىڭگۇاڭ

نۇقتىلىق شەھەر رايونلىرىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلى دەككە - دۈككىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمىدى. لېكىن مەھەللە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىشى، يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ۋاقتىدا ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ناھايىتى تېزلا ئارامىغا چۈشتى.

ئىنتايىن چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە، نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر شەھەرنى تىنچلاندۇرۇشتا، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ قىيىنلىقى، خىرىسنىڭ زورلۇقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم، لېكىن مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە قارىتا بىزدە باشقا تاللاش يوق. ھىيلىگەر، شەكلى ئۆزگىرىشچان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئالدىدا، پەقەت يۆتكىلىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرگەندىلا، ئاندىن يۇقۇملانغۇچىلارنى كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئەڭ تېز تېپىپ چىقىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ؛ ئاندىن بوشلۇق ئارقىلىق ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن شارائىت ياراتقىلى بولىدۇ. شەھەرنى ۋاقتىنچە تىنچلاندۇرۇش گەرچە بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ، ئەڭ ئاقىلانە بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

تىنچلاندۇرۇش بىر خىل ئېھتىياج، شۇنداقلا بىر خىل ئىقتىدار. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ئۇزاققا سوزۇلغان يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭى داۋامىدا، بىز مول تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىغا ئىگە بولدۇق، تۇرمۇش ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى يېتەرلىك تەييارلىدۇق، كۈچلۈك جەمئىيەت سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ھازىرلىدۇق، شەھەردە «ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىشقا ئاساسىمىز، ئىقتىدارىمىز بار. تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر مىللەت ئامما ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقى، قوللايدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك بىلدۈردى، بۇ، بىزنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە غەيرىتىمىزنىڭ ئاساسى.

ۋاقىتلىق «تىنچ»لىنىش پەقەت تېز «ھەرىكەتكە كېلىش» ئۈچۈن، تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈندۇر. ھەم مېخانىكىلىق جەھەتتىكى جىمجىتلىقنى، ھەم پىسخىكىلىق جەھەتتىكى سالماقلىقنى ساقلاپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقاندىلا، بىز چوقۇم تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەپ، تېز ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق غەلىبە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)