ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بوشاپ قالمىدى، كۆرگەزمە تەييارلىقى توختاپ قالمىدى

日期:2022年08月12日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.

8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىملار كۆرگەزمە سارىيىدا سىزىق سىزىش، كۆرگەزمە ئورنىنى پىلانلاش ھەمدە ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«ھازىر سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى، كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ، ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جىددىي ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ياخشى كۆرگەزمىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.» شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ دىچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئاخىرقى تەييارلىق باسقۇچىغا ئۆتتى.

«ئاساسىي مۇنبەر قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ مەيدان قۇرۇلۇشى باشلاندى، باشقا تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ» دېدى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ شياۋبىن.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، كورلا ۋولەن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشۋىقات قوللانمىسى جىددىي بېسىلدى. بۇ شىركەت دەرەخ شاخلىرىنى يانجىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى مەملىكەت سىرتىغا سېتىلىدۇ، بۇ يىل سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق كورلىغا كىرگۈزۈلگەن.

«بىز بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى بازارلارنى ئېچىش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت قاتارلىق مەملىكەت سىرتى بازارلىرىنى پائال ئاچماقچى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يىن جيەن.

بۇ شىركەت تۇرۇشلۇق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىمۇ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە پائال تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، بايىنغولىن ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورنىدىن بىرنى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەخسۇس كۆرگەزمىسى كۆرگەزمە ئورنىدىن يەتتىنى، پاختا توقۇمىچىلىق مەخسۇس كۆرگەزمىسى كۆرگەزمە ئورنىدىن ئوننى، تاۋار سودىسى كۆرگەزمە رايونى كۆرگەزمە ئورنىدىن بەشنى ئىلتىماس قىلدى، يەنە سودا سېلىنمىسى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىن جەمئىي 48 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئارقىلىق بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاسلىقى، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش نەتىجىسىنى ھەقىقىي كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ئالتاي ۋىلايىتى كارخانىلارنى بىر قاتار سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپلا قالماي، يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئالتاي تېغى چەمبىرىكى ئىككىلەمچى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خەلقئارا مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، نۆۋەتتە تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.

ئالتاي ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ شياۋفېي مۇنداق بىلدۈردى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، مۇنبەرنى كونكرېت لايىھەلەش، يىغىن مەيدانى قۇرۇش، توردا يىغىننى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش، ئەگەشمە تەرجىمە، ئۈسكۈنىلەرنى ئىجارىگە ئېلىش، تەڭشەش - سىناش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرىمىز ھەم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مېھمانلارنى تور ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش ھەم كېلىشىم ئىمزالاش تۈرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز».

ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان چېگرا ئىچىدىكى كارخانا 1600دىن ئاشتى، دۇنيا ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، دۆلەت ھالقىغان كارخانىدىن نەچچە ئونى كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىدۇ، 110 باشلامچى كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. «ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش كۆلىمى، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى» دېدى جۇ دىچياڭ.