تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2022年08月12日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى​

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، جاڭ يۈنمېي، گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەردە يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنى تەشكىللەپ، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولدى.

چېن ۋېيجۈن ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سىستېمىلىق پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەتراپلىق، تولۇق ئىگىلەش ۋە ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئۈزلۈكسىز ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش، باسقۇچلۇق ۋە ئۈزلۈكسىز سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تىرىشىپ ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەرنىڭ بەنزە ئەزالىرى، نۇقتىلىق باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرى قاتناشقان ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغاش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، ئەتراپلىق، تولۇق ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، چىن ئېتىقاد بىلەن ئىش قىلىش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى تېپىپ، «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دىققەتنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىش، ھەربىر ئىشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان، ئالاقىلىشىدىغان ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولىنى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ تىرەكلىك رولىنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ئامما خىزمىتىنى ئىشلەشتىكى ئەۋزەل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۈلكى، پۇل مۇئامىلە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىدىكى كادىرلارنىڭ يېڭى ئوبرازى، يېڭى ھاياتىي كۈچى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە چوڭقۇر، سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جەسۇرانە ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.