بىر نىيەتتە يۇقۇمنى يېڭىش، مۇلازىمەتنى ئۈزۈپ قويماسلىق

日期:2022年08月12日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھەلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا.

سۇچىلىق گۇرۇھى:

سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىشنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق شەھەر رايونىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بارلىق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى، تۈرلۈك كاپالەت ئاپتوموبىلىدىن 139نى سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش، تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرلىرىنى يوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىشىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

شەھەرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، بۇ شىركەت قارىمىقىدىكى ھەرقايسى سۇ ئامبىرى، سۇ زاۋۇتى، سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتى، يۇندى چىقىرىش شىركىتى، سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزى، جىددىي رېمونت قىلىش مەركىزى قاتارلىق ھەرقايسى ئورۇنلاردا خادىملارنى 24 سائەت نۆۋەتچىلىككە قويۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. جىددىي رېمونت قىلىش مەركىزىنىڭ خادىملىرى، تۈرلۈك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى.

سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇلازىمەت، يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، بۇ شىركەت تەۋەلىكىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئالدىن ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىدە خادىملارنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلىش، قايتما ئىنكاس قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋاقتىدا ۋەقە بىر تەرەپ قىلىش تالونى تارقىتىپ، ھەرقايسى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ ئامما ئىنكاس قىلغان تۈرلۈك سۇغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە ھەقنىڭ نېسى قېلىشى سەۋەبىدىن سۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويۇشقا يول قويماي، قۇرۇلۇش قىلىش تۈرىدىكى سۇ توختىتىشنى كېچىكتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە، مەھەللە ئاھالىلەرنىڭ IC كارتىسىنى بىرتۇتاش يىغىپ، تەۋەلىكىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھەق ئېلىش نۆۋەتچى خادىملىرىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا قىممەت تولۇقلاپ بېرىشىگە تاپشۇرۇپ بەردى؛ ھەق نېسى قېلىش سەۋەبىدىن ئاپتوماتىك كىلاپانى ئېتىلىپ قالىدىغان يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان سۇ سائەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە كىلاپان ئېچىش بۇيرۇقى چۈشۈردى ھەم خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزىنى خېرىدارلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا يىراقتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ خېرىدارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى رېمونت قىلىشقا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئۆز مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئولتۇراق رايوندىكى ئۆيلەرگە كىرىپ رېمونت قىلىپ بەردى.

قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قارىتا، بۇ شىركەت لوۋجۇاڭزى سۇ زاۋۇتى، گەنچۈەنپۇ سۇ زاۋۇتىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىلىق تۈرنى پىلان بويىچە ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1359 قۇرۇلۇش خادىمىنى قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە بولغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى:

ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان توكقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە، شەھەرنى توك بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان توكقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى يۈك ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، توك كۆمۈرى بىلەن تەمىنلەش، كەلكۈن مەزگىلىدىكى ھاۋارايى ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش شەكلى ۋە توك مەنبەسىنىڭ يۈرۈشۈش شەكلىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، 220 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى تىرانسفورموتور پونكىتى، توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىگە قارىتا يۈرۈشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، نورمال كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا، كارخانا قاتارلىق نۇقتىلىق خېرىدارلارنى توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 24 سائەت ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خېرىدارلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى توك ئىشلىتىش كاشىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئورنىتىشقا يوللاش، سىغىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن توك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش تېرمىنال ئۈسكۈنىسى 24 سائەت خىزمەت قىلىدۇ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ، كارتىلىق توك سائىتى خېرىدارلىرىنىڭ نورمال توك سېتىۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، 95598 توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ، توردا توك ئىشلىرىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، خېرىدارلارنى توردا توك ھەققى تاپشۇرۇش، كەسىپتىن مەسلىھەت سوراش، كاشىلىنى رېمونت قىلىشقا يوللاش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشكە يېتەكلەپ، خېرىدارلارنىڭ نورمال ھەق تاپشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ھەرقايسى ئورۇنلاردىن توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىنى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشقا تەشكىللەشنى، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ھەر ۋاقىت ياخشى قىلىشنى، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەشكە ۋە ئاھالىلەر نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توكقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىلغۇ گاز شىركىتى:

تور ۋە تور سىرتىدا بىرلىكتە ھەرىكەتلەندى

نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پائال تۈردە يۇقىرى ئېقىندىكى گاز بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ئۇدۇللىشىپ، گاز مەنبەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ تەقسىملىدى، باش پونكىتنىڭ يەتكۈزۈش - تەقسىملەش ئىقتىدارى سائىتىگە 2 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم گاز ئىشلىتىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، بۇ شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 200دىن ئارتۇق چارلاپ تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خادىمىنى 24 سائەت ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بايقالغان تۈرلۈك يېقىلغۇ گاز يوشۇرۇن خەۋپى ھەمدە تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەر يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە، بۇ شىركەتنىڭ 96517 خېرىدارلار مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى ۋە W96517 ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى 24 سائەت توردا مۇلازىمەت قىلدى، ئەگەر گاز ئىشلىتىشتە كاشىلا كۆرۈلسە، ئاھالىلەر ھەر ۋاقىت مەسلىھەت سوراپ رېمونت قىلىشقا يوللىسا بولىدۇ، رېمونت خادىملىرى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كاشىلىنى ۋاقتىدا تۈگىتىدۇ. بۇ شىركەت سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازىنى نورمال تەقسىملەپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت «تور+ تور سىرتى»نى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ گاز سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىن ئىبارەت بەش رايون شۆبە شىركىتىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت تىجارەت زالى ھەمدە گۇرۇھ خېرىدارلار مۇلازىمەت تىجارەت زالى بىردەك دەم ئالمىدى، تىجارەت ۋاقتى سائەت 10دىن 18گىچە. تەبىئىي گاز سېتىۋالماقچى بولغان ئاھالىلەر مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياكى پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە ھەرقايسى خېرىدارلار مۇلازىمەت تىجارەت زالى تور نۇقتىلىرىنىڭ 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىسىدىن گاز سېتىۋالسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ ھەرقايسى تىجارەت تور نۇقتىلىرىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئاپتوماتىك تېرمىنالىدىن گاز سېتىۋالسا بولىدۇ، يەنە شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لەنيا چۇڭجىباۋ، ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ شۆليەن چۇڭجىباۋ، تېلېگراف ITVسى ئارقىلىق ئۆيدىن چىقمايلا گاز سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت يەنە مەھەللىلەرگە يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى چۇڭجىباۋدىن 3516نى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، خېرىدارلار مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياكى پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە گاز سېتىۋالسا بولىدۇ.

ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترەتلىرى:

«بۇلۇت مۇلازىمىتى» قولايلىق ھەم ئەمەلىي بولدى

«ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى بىزگە ھازىر بار بولغان يوشۇرۇن خەۋپى بار بىر قىسىم ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن قايتا ئىشلەتكەندە، تەننەرخنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى» دېدى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى غۇلجا شەھىرى تۇلپار مېھمانسارىيىنىڭ مەسئۇلى ئانار توقان. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى «بۇلۇت مۇلازىمىتى» نى قانات يايدۇرۇپ، سىن، ۋىيشىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە يىراقتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ مېھمانساراي ئالدىنقى مەزگىلدە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىدە يوشۇرۇن خەۋپ مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولغاچقا ئىجازەتكە ئېرىشەلمىگەنىدى. ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، غۇلجا شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتى بۇ مېھمانساراينىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، توردا يېتەكچىلىك قىلىپ، مېھمانساراينىڭ قايتا ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملەشتى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، غۇلجا شەھىرىدە، ئوت مۇداپىئە نازارەتچىلىرى كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالىدا كۈندىلىك نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا سىنلىق ئۇلىنىش قىلىپ، نەق مەيدانغا بارالمايدىغان ياكى تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئورۇنلارغا قارىتا يىراقتىن نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىمىز.» غۇلجا شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى جېڭ لياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلارنىڭ «بۇلۇت مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت بۇ خىل شەكىلنى قوللىنىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس ئىكەن، نۇرغۇن ئورۇن، كارخانا، سودىگەرلەر توردا ئوت ئۆچۈرۈش تەكشۈرۈشىنى ئالدىن كېلىشىپتۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىلەردە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە قارىتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماقلىرى بەس - بەستە «بۇلۇت ئۆگىنىشى»نى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەر توپى، مەھەللە ئاممىۋى سۇپىسى، مەھەللە كۆپ ۋاسىتىلىك چوڭ ئېكرانى، بۇلۇت بىۋاسىتە كۆرسىتىشى قاتارلىق كۆپ خىل تور شەكلى ئارقىلىق، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش، ئۆيدە تۇرغان چاغدىكى بىخەتەرلىك قاتارلىق مەزمۇنلاردا مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقات ئېلىپ باردى. شىخەنزە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى يەنە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىن پايدىلىنىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايوندا قەرەللىك ھالدا ئۆيدە تۇرغان چاغدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى تەكرار قويۇپ بەردى.

(مۇخبىر يې شياۋمىن، قاتناشقان مۇخبىرلار چېن چياڭۋېي، گو لىڭ)