8- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى دوكلات قىلىندى

日期:2022年08月11日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 0دىن 18گىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا خېسۇەن تەكشۈرۈش جەريانىدا، 1 كىشىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى بايقالدى، مۇتەخەسسىسلەر قايتا تەكشۈرۈپ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ توشۇپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە، دەل جايىدا باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، مۇناسىۋەتلىك سورۇنلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ھەم مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.