شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

日期:2022年05月21日
来源:天山网
【字体:

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ساياھەتچىلەر باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. ياز كۈنلىرىدىكى گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدىكى زۇمرەتتەك سۇ، كۆپكۆك ئاسمان، ئوتلاق خۇددى بىر پارچە گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىدەك، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. □جاڭ جيەنگاڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 12 - قېتىملىق جۇڭگو ساياھەت كۈنى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، كۈن ئارقىلىق يىلنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى تېز تونۇتتى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرى تېز زورايدى، ئېسىل ساياھەت مەنزىلى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش كەسىپ سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى، ساياھەتچىلىك كۈچلۈك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش تەكىتلەندى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېسىل قۇرۇلۇشلارنى سىجىل بەرپا قىلىپ، ساياھەت تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، ساياھەتچىلىكنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان، خەلقنى بېيىتىش كەسپى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.

تەرەققىياتنىڭ «قاتتىق ئەمەلىي كۈچى»نى مۇستەھكەملەش

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئالتە مۇھىم، زور تۈردە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى، بۇ تۈرگە جەمئىي 1 مىليارد 161 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ياتاق، سودا، يول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. «مەنزىرە رايونىنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، بۇ، سايرام كۆلىنىڭ پاكىز، سۈزۈكلۈكىگە ماس كېلىدۇ.» ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېلىپ بارغان بىر مەيدان شىنجاڭ ساياھىتىنى ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، بىر تورداش مۇشۇنداق سۆزنى قالدۇردى.

سايرام كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇشى تۈرى، نارات كۆكتىكى ئوتلاق ئاممىۋى ئاساسىنى ئۆستۈرۈش - ئۆزگەرتىپ ياساش تۈرى، شىنجاڭ تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى ھەم دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۇل قۇرۇلۇش تۈرىنى بەرپا قىلىش ... ھازىر، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدا زور بىر تۈركۈم ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېز قۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تەڭ ئېتىبار بېرىلمەكتە، بۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئاساس پۇختا، مۇقىم بولدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ساياھەتچىلىك كۈنسېرى سېلىنما جەلپ قىلىدىغان ئېگىزلىككە ئايلاندى. جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى، خۇاچياۋچېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو ياشلار ساياھەت پاي كونترول پاي چەكلىك شىركىتى، جىڭدۇڭ گۇرۇھى، تۇڭچېڭ گۇرۇھى، ئالادىڭ گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشتى، مۇھىم، زور تۈرلەر ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كاپىتال بازىرىنىڭ جانلىنىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ماركا قۇرۇلۇشىدا يارقىن نۇقتىلار كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلدى: ئىلى - موڭغۇلكۈرە، مايتاغ - كۇچا تاشيولى «دۆلەت ئىچىدىكى قىزىق نۇقتا بولغان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لىنىيەسى TOP10» قىزىق نۇقتا تىزىملىكىگە كىردى، ئۇيسۇن قەدىمىي يولى قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئون قەدىمىي يول ساياھەت لىنىيەسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، كۈنەس ناھىيەسى نارات قار تېيىلىش ساياھەت - ئىستىراھەت ئورنى، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي قار تېيىلىش ساياھەت - ئىستىراھەت ئورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت - ئىستىراھەت ئورنى بولۇپ بەرپا قىلىندى ... شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە تەرەققىياتنىڭ «قاتتىق ئەمەلىي كۈچى» سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

تەمىنلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىدىكى ئوت يۇرتى سېھرىي كۈچىگە ئىگە يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىق شىنجاڭدىكى تۆت لىنىيە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئېسىل لىنىيە بولۇپ تاللاندى. بۇ تۆت لىنىيە ئىچىدە بەزىلىرىدىن قەدىمىي يولنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛ بەزىلىرىدە رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى، ياپيېشىل تاغ - دەريالار ئىچىدە ئاجايىپ - غارايىپ مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ؛ بەزىلىرىدە لىق مېۋە قاچىلانغان سېۋەتلەرنى ئېلىپ قايتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىنتىلىۋاتقان تىنچ، راھەت سەھرا تۇرمۇشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ ... سەيلە - ساياھەت قىلىش جەريانىدا، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، يەنە «گۈزەللىك ئىقتىسادى»نىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى.

ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «بار بولۇش - بولماسلىق» مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، «ياخشى بولۇش - ياخشى بولماسلىق» تېخىمۇ مۇھىم، تەخىرسىز ئويلىنىش بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى، ئوخشاش بولمىغان قاتلامنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا، تەمىنات تەرەپلىك ۋە ئېھتىياج تەرەپلىكتە تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى زورايتتى.

مەدەنىيەتنى ئاساس قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بوشلۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تەسىراتى مەزمۇنىنى كۆپەيتتى؛ رايون مەدەنىيەت خاسلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەر(بازار) لىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئېسىل مەنزىرە رايونلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.

كەسىپنى يادرو قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتتى. كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئۈزۈم ھارىقى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، تەتقىقات - ئوقۇتۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت لىنىيەلىرىنى لايىھەلەپ، ھەم مەپتۇن قىلىش شەكلىدىكى ھېس قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەم ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يۆنىلىش قىلىپ، كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلدى. ساياھەت - ئىستىراھەت رايونى، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئېكولوگىيەلىك ساياھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، قار - مۇز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىناق قىلىش رايونى ۋە ساياھەت - ئىستىراھەت شەھىرى، كوچا رايونىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى نىشان قىلىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولدى. يېزا - كەنتلەرنىڭ سەھرا مەنزىرىسى، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، كەنت ئىمارەتلىرى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، مەنزىرە قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يېزا - كەنت ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، يېزا - كەنت ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنت ئىستىراھەت - ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنى بەرپا قىلدى.

خەلقنى بېيىتىش كەسپى قىلىپ يېتىشتۈرۈش

يىراق تاغلارنى قويۇق تۇمان قاپلىغان بولۇپ، بەئەينى يۆگىمە سىياھ رەسىمگە ئوخشايتتى. ئاپتوبۇسلارنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىشى بىلەن، تاغ ئارىسىدىكى جىمجىتلىق بۇزۇلدى. ھەر خىل شېۋىدە سۆزلەيدىغان كىشىلەر دەريا بويىدىكى ئورمانلىقلار ئارىسىدا، ئېتىز باشلىرىدا، يېزىلاردىكى تۇرالغۇلاردا سەيلە قىلىپ يۈرەتتى ...

تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان قابا ناھىيەسى جايىلما يېزىسى كۇلدەنەڭ كەنتىنىڭ قاتناش شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئىلگىرى كىشىلەر بۇ يەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. «ئىشىكتىن چىقساقلا كۆز يەتكۈسىز تاغ بار، بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيتتۇق.» كەنت ئاھالىسى جېڭىس مەخسۇت ئىزچىل يۇرتىدىن چىقماي چارۋا بېقىش ۋە يەر تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئەمما تاغ كۆپ، يەر ئاز، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، ھەرقانچە كۈچەپ ئىشلىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرەلمىگەنىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي تەبىئىي بايلىققا تايىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى، كەنتنىڭ يۆلىشىدە، ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە دېھقانلار ئارامگاھلىرى، پۇقراۋى قونالغۇلار كەينى - كەينىدىن ئېچىلدى. كەنت ئاھالىلىرى پائال قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلاندى، ياخشى يېزا ئىستىلى ۋە ياخشى مەنزىرىلەر بۇ كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان ياڭيۇ، كۆك پۇرچاق قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، ياسىغان قۇرۇت، سېرىق ماي، پىشلاق، قىمىز قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بولىدىغان بولدى، باھاسى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولدى.

بۇنداق بايلىق يارىتىش مىساللىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناھايىتى كۆپ. ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدا 10 مىڭغا يېقىن دېھقانلار ئارامگاھى بار، بۇنىڭ ئىچىدە يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھىدىن 2000ى بار، خاس پۇقراۋى قونالغۇلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تېخىمۇ كۆپەيدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق يېزا - بازار، نۇقتىلىق كەنت، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى. «ساياھەتتىن نەپ ئېلىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش» كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، يېزا - كەنت ساياھىتى شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشىدىغان كۈچلۈك موتورغا ئايلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، پىكىر يولىنى پىلانلىدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، «بىر مەركەز، بىر مەنزىلگاھ، ئۈچ بەلباغ، N رايون» بوشلۇق ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت مۇھىم ئامىلى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ «بىر كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپنى روناق تاپقۇزۇش»تىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان، خەلقنى بېيىتىش كەسپى قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.