​پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2022年05月21日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

​پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

​ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇاڭدۇڭ، جېجياڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ئالاقىدار ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «قوش كاربون» خىزمىتىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش» سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، ئومۇملۇق بىلەن قىسمەنلىك، يىراق كەلگۈسى نىشان بىلەن قىسقا مۇددەتلىك نىشان، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، رىتىمنى ئىلمىي ئىگىلەپ، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى چوڭ پىلانىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ بۇلغىمىنى ئازايتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش»نىڭ كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى «قوش تىزگىنلەش»كە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «قوش كاربون» خىزمىتىگە ئالاقىدار كۆرسەتكۈچلەرنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، باھالاشنى چىڭىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «قوش كاربون» توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەر، ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى گۇاڭدۇڭ، جېجياڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن تۈرتكە بولۇشىدىكى مۇھىم تەدبىر. ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە سەپەر جىددىي، مەزمۇن ئەمەلىي، ئۈنۈم زور بولدى. خۇلاسىلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پەرققە توغرا قاراپ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئىككى ئۆلكىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچ، بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن، مۇھىم، زور ۋەزىپىنى چۆرىدەپ تەرەققىياتنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىككى ئۆلكىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلغار ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، ئىككى ئۆلكىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ دادىللىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئىزدىنىش روھى ۋە ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەمەلىيەتچىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش خىزمەت ئىستىلى بىلەن، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.