​شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «نىزام»نىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

日期:2022年05月21日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى​

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «نىزام»نىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

​ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي ئۆگىنىشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى. ۋاڭ مىڭشەن، ياڭ فاسېن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداش «نىزام»نى ئوقۇپ چۈشەندۈردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى نىزامى» پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى پارتىيەنىڭ تۇنجى ئىچكى نىزامى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «نىزام»نىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىنى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ۋە ھەرقايسى سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، قانۇن بويىچە مۇقىملىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنچىللىق ئاساسىدا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، تەدبىر بەلگىلەپ، ئىش بېجىرىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزمنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىنى قاپلىغان يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىيلىشىش، كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ ئۆز يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي - قانۇن قوشۇنى بەرپا قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سىجىل ھالدا ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ھەرقايسى سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى مەسئۇل بولۇپ تۇتۇشى، ھەر قايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولۇشى، ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىشى، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى دەل ۋاقتىدا تاۋلاپ تۈزۈم مېخانىزمىغا كۆتۈرۈشى كېرەك. «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېتەرسىزلىكلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.