«خەلقئارا مۇزېي كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ئىلىدا باشلاندى

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، 2022 ـ يىللىق «18 ـ ماي خەلقئارا مۇزېي كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېيدا باشلاندى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى شىنجاڭ گېزىتى تارىخ سارىيى، قورغاس ناھىيەلىك ئۈستىقۇددۇس مۇزېيى قاتارلىق ئاپتونوم رايوندىكى 25 خاس مۇزېيغا نام تاختىسى بەردى، «شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىك خەرىتىسى»نى ئېلان قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلارنى مۇھىم ئامىل قىلغان ئون ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مۇزېي (خاتىرە سارىيى، كۆرگەزمە سارىيى، كۆرگەزمىخانا)دىن 246سى بار بولۇپ، شىنجاڭ مۇزېيى باشلامچى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مۇزېيلار تايانچ، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق مۇزېيلار ئاساس، كەسپىي مۇزېيلار ۋە دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مۇزېيلار قوشۇمچە قىلىنغان مۇزېي سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

2021 ـ يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار 400دىن ئارتۇق تۈرلۈك كۆرگەزمە، 2000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ «كۆچمە مۇزېي»لار مەكتەپ، يېزا ـ كەنت، مەھەللە، ئورگان ۋە كارخانىلارغا كىرگۈزۈلۈپ، 3000 مەيداندىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى، مۇزېيلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.