مۇتلەق سادىق بولۇش باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىش− شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك سەرخىل قوشۇن تاۋلاپ چىققانلىقى توغرىسىدا

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك سەرخىل قوشۇن تاۋلاپ چىققانلىقى توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى كاڭ

باش يازدىكى قاراقۇرۇمدا تېمپېراتۇرا يەنىلا نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ئىدى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى قىزىل ئارمىيە تۇەنى «باتۇر يولۋاس 3 ـ ليەنى»نىڭ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان ئېگىزلىكتە قوراللىق جىددىي يۈرۈش قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش، باھالاش قەرەلىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر كېچە ـ كۈندۈز مەشىق قىلىپ، ھەربىي يۈرۈش قىلىش، كۆزىتىش، نىقابلىنىش ۋە قارىغا ئېتىش قاتارلىق 13 تۈردىكى تۇتاش مەشغۇلاتنى تېز رىتىمدا، يۇقىرى سىجىللىقتا تاماملىدى...

بۇ يىل شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدىن چىققان بۇ قىزىل ئارمىيە قىسمى ئۇزاققا سوزۇلغان مۇساپىدە «پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئېتىقاد مۇستەھكەم بولۇش؛ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەگە ماھىر بولۇش، باتۇر، قەيسەر بولۇش؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش؛ خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش» ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇن قىلىنغان قىزىل ئارمىيە شىسى روھىنى تاۋلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد قىزىل ئارمىيە ئىزباسارلىرىنى جۇشقۇن ماھارەت كۆرسىتىش قىزغىنلىقى بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، يېڭى سەھىپىلەرنى داۋاملىق پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش

«پارتىيە بايرىقى قايسى تەرەپنى كۆرسەتسە، جەڭ بايرىقى شۇ تەرەپكە يۈزلىنىش، قەلب شۇنىڭغا تەلپۈنۈش.» قىزىل ئارمىيە شىسى مەلۇم تۇەنىنىڭ شاڭشىسى جىڭ شياڭيۈەن بۇلتۇر ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىشقا ئاتلانغان چاغدىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلىدى، بۇ كۆرۈنۈش ئۇنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە ئىدى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئەمدىلا ئۆيلىنىش خېتى ئالغان جىڭ شياڭيۈەن قىسىمنىڭ ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ۋەزىپىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خوتۇنىنى سەۋرچانلىق بىلەن قايىل قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن قىسىمغا قايتتى. ليەندۈي كادىرلىرى ئۇنىڭغا توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن تاغقا چىقىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى، لېكىن جىڭ شياڭيۈەن بۇ قېتىمقى مەشىقنىڭ ۋاقتى ئۇزاق، قىسىمنىڭ ھەربىي يۈرۈش قىلىش مۇساپىسى يىراق، ئارقا سەپ كاپالىتى ۋەزىپىسى ئېغىر بولغاچقا، تېخنىكا تايانچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جەزمەن قاتنىشىشىم كېرەك، دەپ قارىدى.

«ھەقىقىي ھەربىي بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز بوران ـ چاپقۇنغا قاراپ ئاتلاندىڭىز. مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنى ئەنسىرەتمەيمەن...» ھەربىي يۈرۈش قىلىشقا ئاتلانغان ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندە، خوتۇنى ما جىڭ توي كۆڭلىكى كىيىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى.

قىسىمغا قايتقاندىن كېيىن، جىڭ شياڭيۈەن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بارلىق ئاپتوموبىل ۋە جابدۇقلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى. شۇ قېتىمقى مەشىقتىكى 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدە، ليەندۈينىڭ ئاپتوموبىلى ۋە جابدۇقلىرىدىن بىرىمۇ بۇزۇلۇپ باقمىدى.

پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش قىزىل ئارمىيە ئىزباسارلىرىنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقان گېن، بۇ كۆرۈنۈش تارىختىكى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئوخشاشلىققا ئىگە.

ۋاقىت ئىسترېلكىسى 1935 ـ يىلى يازغا قايتۇرۇلدى. شىمالىي شەنشى ئېگىزلىكى پىژغىرىم ئىسسىق ئىدى، يېرىم يىل ئىلگىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇزۇن سەپەردە زۇنيى يىغىنى ئاچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، ليۇ جىدەن قاتارلىق شىمالىي شەنشىدىكى قىزىل ئارمىيە رەھبەرلىرى ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇلار قىسىم تەشكىللىنىپ قۇرۇلغاندىن باشلاپلا مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى بىلەن تاغ ـ دەريالار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئاڭلاشنى، پارتىيەنىڭ يوليورۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا، غەربىي شىمال قىزىل ئارمىيەسى ئۈچ قېتىملىق ئەكسىلئىنقىلابىي «قورشاپ يوقىتىش»نى ئارقا ـ ئارقىدىن تارمار قىلىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. شەنشى ـ گەنسۇ سوۋېت رايونى «مول نەتىجىلەر ساقلانغان» ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا ئايلىنىپ، ھايات ـ ماماتلىق پەيتتە جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

1935 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيە شىمالىي شەنشىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، غەربىي شىمال قىزىل ئارمىيەسى مەركەزنىڭ بىرتۇتاش باشقىدىن تەشكىللىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىمالىي شەنشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى قىزىل ئارمىيەنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى تۇرۇشلۇق جايى ۋە يولغا چىقىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ چوڭ لاگېرى ۋە قىزىل مۇقەددەس جايىغا ئايلاندى.

1943 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ يولداش شى جۇڭشۈنگە «پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» دەپ بېغىشلىما يېزىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي شىمال قىزىل ئارمىيەسى ھەم ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە بولغان يۈكسەك باھاسىنى بىلدۈردى.

90 يىلدىن بۇيان، بۇ خىل ئېتىقادقا قىزىل ئارمىيە شىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلدى. «باتۇر يولۋاس 3 ـ ليەنى»نىڭ ليەنجاڭى ليۇ ۋېينىڭ تۇەندە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقانلىقىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ھەربىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ئۇ ئەسلىدە جەنۇبتىكى شارائىتى ياخشى چوڭ شەھەرلەرگە بېرىشنى تاللىسىمۇ بولاتتى، لېكىن كەسكىنلىك بىلەن قىزىل ئارمىيە شىسىگە قايتىپ كېلىشنى قارار قىلدى، «چوقۇم مېنى يېتىشتۈرگەن جايغا قايتىپ بارىمەن!» ئۇنىڭ قەلبىدە قىزىل ئارمىيە شىسى ئۇنىڭ يىلتىزى ئىدى.

ئومۇمىي ۋەزىيەتكە بويسۇنۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

«ئالتە مىلتىق بىلەن قوشۇن قۇرۇش، لەنجوۋ شەھىرىدە قانلىق جەڭ قىلىش، جەنۇبىي گەنسۇدا باندىتلارنى تازىلاش، كېچىلەپ شىزاڭغا كىرىش... بۇ قىسىم ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، سەنشى قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا ئايلىنىپ جەڭ قىلدى...» 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىدا، جەڭچى چۈشەندۈرگۈچى جاڭ چيەنچيەن بىر پارچە «ئايلىنىپ جەڭ قىلىش لىنىيە خەرىتىسى» ئالدىدا تۇرۇپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن يېڭى جەڭچىلەرگە چۈشەندۈردى.

«ھايات ـ ماماتلىق پەيتتە، شىمالىي شەنشىدىكى قىزىل ئارمىيە ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قەتئىي بويسۇنۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى». بۇ شىنىڭ جېڭۋېيسى خۇاڭ چاڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: 90 يىلدىن بۇيان، بۇ شى ئۇرۇش ئىس ـ تۈتەكلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 35 قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋە 46 قېتىم قوشۇن يۆتكەشنى باشتىن كەچۈردى، قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى كۆرۈلمىدى، پارتىيە نېمە قىل دېسە شۇنى قىلدى، پارتىيە قەيەرگە بار دېسە شۇ يەرگە باردى.

كۈنلەر ئايلارغا، ئايلار يىللارغا ئالماشتى، سادىقلىق ئۆزگەرمىدى. بۇ شىدا تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شى بىرىكمە شىغا تەڭشەلدى، بىر قىسىم ليەندۈيلەر نۇرغۇن ئورۇنغا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ تەقسىم قىلىندى، بىر قىسىم ئورۇنلار پۈتۈن ئىشتات بويىچە قوشۇن يۆتكىدى... بۇنداق ئەھۋالدا، پۈتۈن شىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىي بايراق ئاستىدا جاراڭلىق قەسەم بەردى ھەم «تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنىمەن» دەپ ۋەدىنامە يازدى.

بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، نەچچە مىڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەر تەڭشىلىپ قوشۇن يۆتكەلدى، تونۇش كونا گازارمىدىن ئايرىلىپ، يېڭى گازارمىغا كۆچۈپ كىردى. ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر بوغچىسىنى كۆتۈرۈپلا سالماق ماڭدى، پۈتۈن شىدىكى قىسىملار ئىشتاتنى تەڭشەشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

بۇلتۇرنىڭ بېشىدا، ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى تاپشۇردى، ئېگىزلىكتە ئوكسىگېن كەمچىل، ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك ۋە قەھرىتان سوغۇق بولۇشتەك ناچار تەبىئىي مۇھىت ئالدىدا بىرمۇ ئادەم چېكىنمىدى، تۈمەنلىگەن ئادەم، مىڭلىغان ئاپتوموبىل كېچە ـ كۈندۈز يول يۈرۈپ، ھەممىسى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ۋاقتىدا يېتىپ باردى.

شۇ يىلى ھەربىي سەپكە كىرگەن قوشكېزەك ئاكا ـ ئۇكا جاۋ خۇڭفېي بىلەن جاۋ پېڭفېي قول تۇتۇشۇپ كوئېنلۇنغا چىقىپ، بىرى ئېگىزلىكتە يوشۇرۇنۇپ زەربە بېرىش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلدى، بىرى ئېگىزلىكتە رازۋېدكا قىلىش قالتىس ماھارىتىنى قاتتىق مەشىق قىلدى، مەشىق مەيدانىدا بىر ـ بىرى بىلەن بەسلىشىپ، قارلىق ئېگىزلىكتە «ئاكا ـ ئۇكىلار ئەجدىھا ـ يولۋاستەك ئېلىشىش» ماھارىتىنى كۆرسەتتى. يىل ئاخىرىدا، بىرى شەرەپ بىلەن 2 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.

«ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قەتئىي بويسۇنۇش ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.» بۇ شى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشەش قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادەم كۆپ، ئىش ئورنى ئاز بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، بارلىق كادىرلار تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، شەخسىي تەرەققىياتىنى ئويلىمىدى.

غەلىبە ئۈچۈن ئۆتكۈر قىلىچ تاۋلاشقا قەتئىي ئىرادە باغلاش

قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىدا شەكلى ئوخشاش بولمىغان ئىككى مۇكاپات لوڭقىسى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتاتتى.

2019 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى كۆنچى دەرياسى بويى، «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى − 2019» كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى، قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئون نەچچە ئوفىتسېر ـ ئەسكەر جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە ۋاكالىتەن «بىخەتەر مۇھىت» يادرو قورالى، بىيولوگىيەلىك قورال، خىمىيەلىك قورال رازۋېدكىسى ۋە «سۈزۈك ئاسمان» ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، كۆپ دۆلەت ئارمىيەسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار بىلەن بىر مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ، ئىككى مۇسابىقىنىڭ بارلىق يەككە تۈردىكى ئالتۇن مېدال ۋە كوللېكتىپ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

«سادىق بولۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پارتىيە قەيەرنى كۆرسەتسە شۇ يەرگە ئاتلىنىش، بارلىق رەقىبنى يېڭىشنى باشتىن ـ ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك». بۇ، قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنى قىزىل ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ تۈپ يولى قىلىپ، ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ قوشۇننى سەرخىللاشتۇردى. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ جۈندىن يۇقىرى ئورۇنلار تەشكىللىگەن تۈرلۈك ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىدە 54 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى شىنجاڭ ھەربىي رايونى بويىچە ئوخشاش تۈردىكى ئىشتاتلىق ئورۇنلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

2019 ـ يىلى، بۇ شى پۈتۈن ئىشتات بويىچە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ يىللىق ھەربىي مەشىقنى تەكشۈرۈش، باھالىشىغا قاتناشتى، قىسىم مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ تىيانشاندىن ھالقىپ، چۆل ـ باياۋاندىن ھالقىپ، ئۇدا يەتتە كېچە ـ كۈندۈز دالىدىكى ناتونۇش جايدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، تەكشۈرۈش، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ مەرگەن بەلگىلەش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ نىشان بەلگىلەش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ مەيدان بەلگىلەش قاتارلىق ئەمەلىي جەڭ ھالىتىدىكى «چازا» ئالدىدا، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، كۆپ خىل ئوت ئېچىش قوراللىرى بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوخشاش تۈردىكى قىسىملار بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

بۇلتۇر 10 ـ ئايدا، دېڭىز يۈزىدىن 5200 مېتىردىن ئارتۇق قارلىق ئېگىزلىكتە، بىرىكمە جەڭ قىلىش توپىنىڭ ھەقىقىي ئەسكەر، راست ئوق تاكتىكا مانېۋىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، سوغۇق، ئەڭ يۇقىرى چەك ئارىلىقى شارائىتىدا قانات يايدۇرۇلدى، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى، نەچچە يۈز نىشان بىتچىت قىلىنىپ، پۈتۈن شىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئېگىزلىك ۋە سوغۇق شارائىتتىكى قەيسەر ئىرادىسى ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك سىنالدى.

ئادەم تەربىيەلەش، روھ يېتىلدۈرۈش، سادىقلىقنى تاۋلاش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىل ئارمىيە شىسى «جەڭ تارىخى، جەڭ تۆھپىسى، جەڭ مىسالى، جەڭ ئەزىمەتلىرى»دىن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى بىلەن «تارىخنى ئۆگىنىش، داۋلىنى بىلىش، مەسئۇلىيەتنى بىلىش» پائالىيىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تاكتىكا دەرسلىكى تۈزۈپ چىقىپ، شەكىلسىز گېندىن شەكىللىك ۋارىسلىق قىلىشقىچە، مەركەزلىك ئوقۇتۇشتىن دائىملاشقان تەربىيەلەشكىچە، «مۇتلەق سادىق بولۇش، جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىش، مەڭگۈ خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك»تىن ئىبارەت قىزىل ئارمىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى يېڭى بىر ئەۋلاد ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئىسلاھ قىلىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش دەۋر تومۇرى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىدى.