شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 10 _ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 _ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۇەننىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىل بىڭتۇەن قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەننىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى چېگرانى ساقلاش، مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەش يېڭى مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر سىڭىشىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.