شىنجاڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ئانار پوستىدىن پولىفېنول ئايرىش، ساپلاشتۇرۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

日期:2022年05月20日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې) يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرى تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ئانار پوستىدىن پولىفېنول ئايرىش، ساپلاشتۇرۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پولىفېنول تۈرىدىكى 10 خىمىيەلىك بىرىكمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ يېڭى خىمىيەلىك بىرىكمە بار، بۇ خىمىيەلىك بىرىكمىلەر بەلگىلىك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىققا ئىگە. بۇ تۈر تەتقىقاتى ئانار پوستى تەتقىقات نەتىجىسىنى يەنىمۇ بېيىتىپلا قالماي، يەنە «كېرەكسىز نەرسىنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش»قا ئۈمىد بېغىشلاپ، ئۇنى يېمەكلىك خۇرۇچى سۈپىتىدە ئەمەلىي قوللىنىشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئانار شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئانار پوستى ئىستېمال قىلىنمايدىغان قىسمى سۈپىتىدە مېۋە ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشتىن باشقا، ئانارنى ئەڭ ئاساسلىق سانائەتلەشتۈرۈپ پىششىقلاش ئۇسۇلى سىقىپ شەربەت چىقىرىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا ئانار پوستى تاشلاندۇقلىرى پەيدا بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، پولىفېنول تۈرىدىكى خىمىيەلىك بىرىكمىلەر ئانارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىقىنى ئېچىشتىكى ئالدىن تاللىنىدىغان خام ماتېرىيال بولۇپ، بىر قەدەر زور يوشۇرۇن ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. ئەمما ئانار پوستى پولىفېنولى كۈچلۈك قۇتۇپلۇق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئېرىشچانلىقى ياخشى ئەمەس، ئاسان ئوكسىدلىنىش ياكى پارچىلىنىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، شۇڭا ئانار پوستى پولىفېنولىنى ئايرىش ۋە ساپلاشتۇرۇش بىر قەدەر قىيىن. بۇنىڭدىن باشقا، ئانار پوستى پولىفېنولىنىڭ قۇرۇلمىسىدا كۆپ مىقداردا كاربون بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك يادرو ماگنىت رېزونانىسى دولقۇن ئىسپېكتىرىدىكى سىگنالى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، قۇرۇلمىنى باھالاشقا بىر قەدەر چوڭ قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەككە تەنلىك خىمىيەلىك بىرىكمىلەرنى ئايرىش، ساپلاشتۇرۇش ھەم قۇرۇلما ئالامەتلىرىنى تەتقىق قىلىش بىرقەدەر ئاز بولدى.

بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مىللىي تېبابەت دورا تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى تۈۋرۈك خروماتوگرافىيەسى، تۆۋەن تېمپېراتۇرا خروماتوگرافىيەسى ۋە يۇقىرى فازىلىق سۇيۇق فازا خروماتوگرافىيەسى تېخنىكىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يېقىندا ئانار پوستىدىن پولىېنول تۈرىدىكى ئون خىمىيەلىك بىرىكمىنى ئايرىپ چىقتى ۋە ساپلاشتۇردى. يۇقىرى پەرق ماسسا سپېكتىرى، بىر ئۆلچەملىك ۋە ئىككى ئۆلچەملىك يادرو ماگنىت رېزونانىس دولقۇن سپېكتىرى سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقىلىق بۇ خىمىيەلىك بىرىكمىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلىپ بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى يېڭى خىمىيەلىك بىرىكمە.

پولىفېنول تۈرىدىكى بۇ خىمىيەلىك بىرىكمىلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار بەدەن سىرتىدا باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ھەم ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالتە خىمىيەلىك بىرىكمىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار ئىكەن، ئىككى خىمىيەلىك بىرىكمىنىڭ ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار ئىكەن، بىر خىمىيەلىك بىرىكمىنىڭ ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتېرىيە ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار ئىكەن، تۆت خىمىيەلىك بىرىكمە بالىياتقۇ بوينى راكى Hela ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئاجىز توسۇش رولىغا ئىگە ئىكەن.