شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

日期:2022年05月19日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقاندا ئېچىلغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق يىغىن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەپ ئۆگىنىش، ۋاسىتىلەرنى بېيىتىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ساھەگە، ئاممىغا يۈزلىنىپ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قوغداشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچ قوشۇش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئۈزلۈكسىز سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم رولى، ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق رولى، ئورگانلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغۇچىلاردىن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغۇچىلاردىن، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا سېلىشتۇرۇپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى، يىللىق كېڭىشىش پىلانى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش پىلانى ۋە نۇقتىلىق كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن پېڭ جيارۇي، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.