تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2022年05月19日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، شەھەرنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كونا شەھەر رايونى(كەپىلىك رايون)نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىياتنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) شىنكې مەھەللىسى 2 - ئەترىتىدىكى ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەر، شىمىگۇ رايونى ئەمگەك كوچىسى تەۋەلىك رايونىدىكى ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرگە كېلىپ، نەق مەيداننى كۆرۈپ، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەملىكەت بويىچە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنىڭ جايىدا بولۇشىغا، يوشۇرۇن خەۋپ مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تۈرگە ئايرىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە ۋە سورۇنلارغا قارىتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى بىخەتەرلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈپتىن تۈگىتىشكە كۈچەش كېرەك.

ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى شەھەر پىلانلاش سارىيى، شۇيموخې مەنزىرە بەلبېغىدا، ئەركىن تۇنىياز شەھەر تەرەققىيات تارىخى، قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئومۇمىي پىلان ھەمدە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پىلانلاپ ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا ئورۇن بېكىتىپ، ئىلمىي، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن شەھەر پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شەھەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بايلىق، ئىقتىساد، ئېكولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر بوشلۇقى بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، كۆڭۈل ئېچىشقا، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك رايون)نى ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كېلىپ، كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك رايون)نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى خىزمىتى نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، شەھەر ئەسلىمىسىنى ساقلاپ قېلىپ، كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك رايون)نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر فۇنكسىيەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.

ياڭ فاسېن، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.