شىنجاڭدا بازار سۇبيېكتى ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليون 205 مىڭغا يەتتى

日期:2022年05月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ئۇچقاندەك تېز بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىنغان بازار سۇبيېكتى ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليون 205 مىڭ (بىڭتۇەندىكى 220 مىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.67 ئاشقان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بازار سۇبيېكتى 154 مىڭ 300 بولۇپ، ھەر ئايدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بازار سۇبيېكتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 32 مىڭ 600، 28 مىڭ 300، 49 مىڭ 100، 44 مىڭ 300 بولغان. پۈتۈن شىنجاڭدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى سىجىل ئېشىپ، ھاياتىي كۈچى سىجىل قويۇپ بېرىلگەن.

تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشنىڭ ئاچقۇچى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ۋە «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا قۇرۇشتىكى «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»نى ئەلالاشتۇرۇپ، «بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار ئىجازىتىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىمۇ يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 87 تۈرلۈك تەدبىرنى چىقاردى، قەشقەر ۋىلايىتى 60 تۈرلۈك تەدبىر تۈزۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى... بۇ تەدبىرلەر مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازار ئىجازىتىنى ئۈزلۈكسىز كەڭ قويۇۋېتىش، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4 - ئايدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلاردا بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى مۇقىم ئاشقان.

ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ چېنخې يېڭى ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 4 - ئايدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كارخانا، ئومۇمىي سېلىنمىسى 210 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى پولىمېر لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىدۇ. «شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، تىزىملىتىشقا پەقەت بىر كۈنلا ۋاقىت كەتتى.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى سۈن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭدا كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىمىز بار، دەپ قارىدۇق».

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى مالىيە - باج شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ دۇڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ «ھەل قىلغۇچ قەدەم»ىنى ياخشى باسقاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت «بىر پۈتۈن شاھمات»نى ياخشى ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال ياخشىلاپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سودا تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچىنى كۈچلۈك ئاشۇردى.