ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2022年05月19日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ما شىڭرۇي خېجىڭ ناھىيەسىدىكى تۇڭشىن مەسچىتىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، دىن خىزمىتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى يېپىلىشى بىلەنلا، 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرى، يېزا - مەھەللىلەر، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كۆزنەكلىرى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي ھەربىر جايغا بارغاندا، مەخسۇس سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، زىيارەت قىلدى، ھال سورىدى، ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. بۈگۈر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، يېڭسار بازارلىق ساقچىخانا، خوشۇت ناھىيەسى تېۋىلغا بازارلىق ساقچىخانا، بىڭتۇەن 2 - شى تيېمېنگۇەن شەھىرى 30 - تۇەن شۇاڭفېڭ بازىرى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى قاتارلىق جايلاردا، ما شىڭرۇي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسەت - تەدبىرلىرى ۋە شەكىل - ئۇسۇللارنى ئەلالاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىملىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى. قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىنى بىخ ھالىتىدە توسۇپ، يۈزبەرمىگەن باسقۇچتا يوقىتىش؛ قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، قائىدە، تەرتىپ بويىچە قاتتىق ئادا قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

ما شىڭرۇي خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بالغۇنتاي خۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى، تۇڭشىن مەسچىتى، كورلا شەھىرىدىكى ئىتتىپاق مەسچىتى، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى مەتە مەسچىتى، قىزىل مەسچىت قاتارلىقلارغا كېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، دىن خىزمىتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەت، دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش كېرەك؛ دىن خىزمىتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق، نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنىي ساھەدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى تەتبىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى قوشۇنى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنى، دىن ئىلمى تەتقىقات قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

يېزا - مەھەللە ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بازىسى. بۈگۈر ناھىيەسى خۇڭچياۋ مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى، يېڭىسار بازىرى چىگە بۇلاق كەنتى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، خېجىڭ ناھىيەسى جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - تۈگىتىش مەركىزى قاتارلىق جايلاردا، ما شىڭرۇي خىزمەتچى خادىملار، ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش - تۈگىتىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ كەسىپ ۋە خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تۈرلۈك «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرى يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي يەنە كارخانا، باغچە رايونى، ئېتىزلىق، باغ، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خۇاديەن بۈگۈر ئىسسىقلىق ئېلېكتىرى ۋە كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى جۇڭتەي نېفىت خىمىيەسى، تارىم نېفىت خىمىيەسى قاتارلىق كارخانىلاردا، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشنى چۆرىدەپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى؛ خوشۇت ناھىيەسى، بۈگۈر ناھىيەسىدە بۇغداي، ئاق ئۆرۈك قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈش، مېۋىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېتىز پەرۋىشى ۋە سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى؛ بىڭتۇەن شىڭشىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تەكىتلىدى؛ تيېمېنگۇەن شەھىرى ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سارىيىدا، بىڭتۇەن روھى، توغراق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەكىتلىدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.