​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى​

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ 1 - پەسىللىك يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش» مۇھىم تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى كۆزلىمە نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا پۇختا ئاساس سالدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلار، ئەۋزەللىكلەرنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، رايون ئورنى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ جانلىنىشىنى تېزلىتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىستېمالنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىم ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش كېرەك. سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم، زور كارخانىلار، تۈرلەر بىلەن ئالاقە باغلاش مۇلازىمەت كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت، سەمىمىي ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مۇھىم ئامىلنى بازارلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.