شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىغا قاتنايدىغان نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، ئەسلىگە كەلتۈردى

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) 5- ئاينىڭ 15- كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى- غۇلجا- چېڭدۇ بېرىپ- كېلىش لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلىپ، غۇلجىدىن سىچۇەنگە بارىدىغان يېڭى يول ئېچىلدى، تۇنجى نۆۋەت بېرىپ- كېلىشتە توشۇلغان يولۇچى 330غا يېقىنلاشتى. 5- ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىغا قاتنايدىغان نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنى كۆپ مەنبەلىك سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن چېڭدۇدىكى قاتناش نۇقتىسى ئۈرۈمچى، كورلا، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ جايدىن تۆتكە كۆپەيدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ غۇلجىدىن يولغا چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئونغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى سەككىزگە يەتكەن بولۇپ، بېيجىڭ، شىئەن، نەنجىڭ، چۇڭچىڭ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا چېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى- چېڭدۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 14تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 18دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. كۆپەيتىلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى- چېڭدۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھەر كۈنى بەش- ئالتىگە يېتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى ئەتىگەن، چۈش، كەچكە تارقىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت بۆلىكىدىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

نۆۋەتتە، شېنجېن ئاۋىياتسىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شېنجېن- ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 10دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە شېنجېندىن ئۇچۇپ، سائەت 16دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ؛ سائەت 17دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شېنجېنغا يېتىپ بارىدۇ. بورتالا ئايرودۇرۇمى بورتالا- شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ. خوتەن ئايرودۇرۇمى خوتەن- شىئەن- خېفېي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە بىر قېتىم قاتنايدۇ؛ خوتەن- لەنجوۋ- گۇاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى قاتنايدۇ. خوتەن- كورلا- چېڭدۇ لىنىيەسىدە كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلدى. خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ- كېرىيە- چېڭدۇ تيەنفۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھەر پەيشەنبە، شەنبە كۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ. يەكەن ئايرودۇرۇمى ئۈرۈمچى- يەكەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى قاتنايدۇ.