شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» 5- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېچىلىدۇ

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇتخەۋىرى (مۇخبىرلار جيا چۈنشيا، جاۋ مېي) مۇخبىرلارنىڭ 5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئۆتكۈزگەن 2022- يىللىق «5.18 خەلقئارا مۇزېي كۈنى» باش تېمىلىق پائالىيىتىدىن ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيى «مەركىزىي خاندانلىقلارنىڭ شىنجاڭنى بىرتۇتاش باشقۇرغانلىقى، ئىدارە قىلغانلىقى باش تېمىسىدىكى پۈتۈنلەي يېڭى يۈرۈشلۈك كۆرگەزمە» ـــــ «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېلان قىلىدىكەن. بۇ كۆرگەزمىنى پىلانلاش، تەييارلىق قىلىشتىن ئېچىۋېتىشكىچە تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان، «ئالدىنقى چىن دەۋرى»، «ئىككى خەن دەۋرى»، «ۋېي، جىن، جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى» ، «سۈي، تاڭ دەۋرى»، «بەش دەۋر، لياۋ، سۇڭ دەۋرى»، «يۈەن، مىڭ دەۋرى»، «چىڭ سۇلالىسى دەۋرى»دىن ئىبارەت يەتتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى، شىنجاڭ يەرلىك تارىخىنى تومۇر قىلىپ، ئالدىنقى چىن سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 1570 پارچە / گۇرۇپپا مەركەزلىك كۆرسىتىلىدىكەن. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىختىن بۇيان مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلغانلىقى ۋە باشقۇرغانلىقىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم ئىسپات.