ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر ئېلان قىلىندى، سىزنىڭ ئائىلىڭىزمۇ بارمۇ؟

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر ئېلان قىلىندى، سىزنىڭ ئائىلىڭىزمۇ بارمۇ؟

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 211 ئائىلىنى 2021-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە گۈزەل ئائىلە، دەپ ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىمۇ 2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە گۈزەل ئائىلىلەرنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 50 ئائىلە باھالاندى.

211 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى

5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى شىنجاڭ ئاياللار ـ بالىلار پائالىيەت مەركىزىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە 2021-يىللىق ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى ئېلان قىلدى، 211 ئائىلە تىزىملىككە كىردى.

ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر قاتلاممۇقاتلام كۆرسىتىپ سايلاش، يوللاپ كۆرسىتىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى ئىگىلەش، ئۇنىۋېرسال باھالاشتىن كېيىن بېكىتىلدى. بۇ ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاق ـ پەزىلىتى ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئائىلىنى سۆيىدىغان، ئۆزئارا ئېجىل ـ ئىناق ئۆتىدىغان، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئەتراپىدىكى ئائىلىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋەكىلى گو يۈەنشىن ئۆزىنىڭ ئائىلە ھېكايىسىنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھرىلەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىللاردا، ئېرىم ئىككىمىز ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق قېرىنداشلىق مېھرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ھەمراھ بولۇش ئارقىلىق ۋاپادارلىقنى ئىزاھلىدۇق، ھېكايىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»دا، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەلقئارا ئائىلە كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەپتە مەملىكەت بويىچە ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ھەپتىلىكى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇ يىللىق تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «قانۇننى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش، ئائىلە تەربىيەسى ئۆسۈپ يېتىلىشكە ھەمراھ بولۇش»نى باش تېما قىلىپ، دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئائىلە تەربىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇلار «ئائىلە ئىستىلى تىيانشاندا جۇلالاندى» ئائىلە ئىستىلى ـ ئائىلە تەربىيەسى باش تېما كۆرگەزمىسى، «بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئاتا ـ ئانا بولۇش كېرەك» دېگەن سەرخىل دەرسلىكنى ئېلان قىلىش، «بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئاتا ـ ئانا بولۇش كېرەك» دېگەن ئائىلە تەربىيەسى ئاممىۋى پاراۋانلىقى بويىچە مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر ئېلان قىلىندى

شىنجاڭدىن 50 ئائىلە تىزىملىككە كىردى

5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەلقئارا ئائىلە كۈنىدە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى 997 ئائىلىنى تەقدىرلىدى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل 997 ئائىلىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەمئىي 97 ئائىلە شەرەپ بىلەن بۇ تىزىملىككە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە 50 ئائىلە 2022 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى.

ئاپتونوم رايوندىن جەمئىي 28 ئائىلە مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى ئائىلە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن جەمئىي 19 ئائىلە مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى ئائىلە بولۇپ باھالاندى. ئاپتونوم رايوندىن جەمئىي 29 ئائىلە 2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن جەمئىي 21 ئائىلە 2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى.

بۇ ئائىلىلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئائىلىنى سۆيىدىغان، ئۆزئارا ئېجىل ـ ئىناق ئۆتىدىغان، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سوتسىيالىستىك ئائىلە مەدەنىيلىكى يېڭى كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئائىلىلەرنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئۈلگە بولدى.

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى 200 ئىلغار كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى 198 ئىلغار شەخسنى تەقدىرلىدى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن سەككىز كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، سەككىز كىشى مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى.