تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى يول ئاچىمىز، يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار ئىشەنچ ئۈستىدە توختالدى، كەلگۈسىگە نەزەر سالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ يېڭى يول ئېچىش، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىز، ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەش

بۇ بىر قېتىملىق يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان يىغىن بولدى. «بۇ قېتىمقى يىغىندا، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قانۇنچىللىق ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ تومۇرى ئىنتايىن ئېنىق بولدى.» يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ دېيۇڭنىڭ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ قىلغان تۇنجى ئىشى ئومۇمىي يىغىندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان خىزمەت يۆنىلىشى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش بولدى.

بۇ بىر قېتىملىق كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەنگەن يىغىن بولدى. «ئومۇمىي يىغىن روھىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.» شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق بىلدۈردى: ئېنىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىق، زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش ھېسابلىنىدۇ.

«كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى! ئومۇمىي يىغىن روھى جەزمەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەيدۇ.» ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىشى ھەر مىللەت پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتتى، ئۇلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىدە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.

تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەش

تەرەققىيات ۋاقىت بىلەن بولغان بىر مەيدان بەسلىشىش. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن پۇرسەتنى ئىگىلىگەندىلا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتقاندىلا، ئاندىن يېڭى يول ئاچقىلى، ياخشى نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

كارخانا تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قۇرۇشقا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، داۋاملىق چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، كۈچلۈك كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىش سانى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش... كېيىنكى قەدەمدىكى سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىگە قارىتا، قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ خۇڭشۇننىڭ پىكىر يولى ئوچۇق بولدى، «بالدۇر پىكىر يۈرگۈزگەندىلا، ئاندىن بالدۇر ھەرىكەت قىلغىلى بولىدۇ، بۇ يىللىق جاۋاب قەغىزىگە چوقۇم قالتىس جاۋاب يېزىشىمىز كېرەك!»

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شىنپىڭ بۇ ناھىيەنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. «يېڭى ماتېرىيال كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ، شۇنداقلا زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تىرەك.» خۇاڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: كېلەر ئايدا، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسىدا قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھازىر بار بولغان كەسىپ ئەندىزىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۆستۈرۈلۈپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.

دىققەت سىرتقا ئېچىۋېتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنىڭ «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى. «ئىلى ئوبلاستى پورت ئىقتىسادى خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، دۆلەت بەرگەن تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ يول ئارقىلىق سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پۇ شۆمېي.

چوڭ قەدەم بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنىش

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ، دەرھال يولغا قويۇلدى. شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشقا ھەممەيلەننىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

«بىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى خىزمەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى ئاڭلىق ھالدا ئۆستۈرۈپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى قوغدايمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر سېيىت.

مىللەتلەر قانچە ئىتتىپاق بولسا، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە ئورتاق گۈللىنىش سەۋىيەسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. تارىم داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جاڭ ئەيپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

يېڭىلىق يارىتىش ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، كارخانىلار ئۇنىڭغا تايىنىپ قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت ئۇنىڭغا تايىنىپ گۈللىنىدۇ. «باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋر پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، قۇرۇپ، <قوش كاربون> چوڭ سىنىقى ئالدىدا پەن - تېخنىكا <ھەل قىلغۇچ قەدىمى>نى ياخشى بېسىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پەن - تېخنىكا قوش قانىتى ئورنىتىش كېرەك» دېدى شياۋ ۋېنجياۋ.