​قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش كېرەك

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 12 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى​

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 12 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىشنى سىستېمىلىق يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇققا قائىدە بەلگىلەپ بېرىش، چەك - چېگرا بەلگىلەپ بېرىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىش، ئەمەلىي تەدبىر تۈزۈش، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى زور كۈچ بىلەن تۈزىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش، خىزمەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، نۇقتىلىق توپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.