ما شىڭرۇي جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى خۇڭ شيۇجۇ بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

​خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يېقىندا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، جۇڭخۇا چىڭيەن تىنچلىق مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇڭ شيۇجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن خۇڭ شيۇجۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، خۇڭ شيۇجۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلىدى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بىر ئائىلە كىشىلىرى، جۇڭگو ئارزۇسى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز مەركەزنىڭ تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزۈشكە ئائىت تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت كەڭ سەھنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەيۋەن بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

خۇڭ شيۇجۇ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلقنىڭ باياشات بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، ئۆرپ - ئادەتلىرى ئۆزگىچە، بۇ قېتىم ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن، باي شىنجاڭنى كۆردۈم، بۇلار مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ، شىنجاڭغا بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جۈنچۇەن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.