​شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا قايتا سەپەرۋەر قىلىش، قايتا توغرىلىنىش، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدارە قىلىش سىسىتېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۆگىنىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ھەممە ئادەمنى خەۋەردار قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ياخشى ئىشلىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئەستايىدىل، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «تۆت ئورگان»دىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەدەمگە يېتىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىقنى تۇتۇشتا ئىرادىدىن قايتماسلىق، تەرەققىياتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇش، ئىسلاھاتنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. سىستېما تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلمىي، دەل جايىدا تۇتۇپ، «ئالدىرىمايدىغان ئىش» بىلەن «جىددىي ئىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «يىراق» بىلەن «يېقىن»غا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، «نۇقتا» بىلەن «دائىرە»نى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا ئالدىدا مېڭىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە يولغا قويۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ چىڭ، سو يۆ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.