ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى

日期:2022年05月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيې خۇيبيەن، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 2022 - يىللىق شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت تور ۋە تور سىرتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، پائالىيەت بىر ھەپتە داۋاملىشىدۇ، باش تېمىلىق كۆرگەزمە، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق ئون چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش: يىلتىزىمىز بىر، ئارزۇيىمىز بىر ۋەتىنىمىز جۇڭگو − مەملىكەتلىك دېھقانلار رەسىملىرى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى» ۋە «گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش − <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ئويما رەسىملىرى تەكلىپ كۆرگەزمىسى»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىلىق كۆرگەزمە بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەزمە قىلىنىپ، نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

مەملىكەتلىك دېھقانلار رەسىملىرى بىرلەشمە كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭنىڭ مەكىت ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ھەمدە شەنشى، گۇاڭدۇڭ، نەنجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلار رەسىملىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن 120 نەچچىسى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ رەسىملەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ئويما رەسىملىرى تەكلىپ كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو، لاتۋىيە، مىسىر، بېلارۇسىيە قاتارلىق 26 دۆلەتتىن كەلگەن 76 سەنئەتكارنىڭ 229 پارچە ئويما رەسىم ئەسىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ، «ئويغىنىش يىللىرى»دىكى 100 پارچە ئويما رەسىم ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

«مەملىكەتلىك دېھقانلار رەسىملىرى بىرلەشمە كۆرگەزمىسى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى بىزگە جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى» دېدى ئېكسكۇرسىيەچى ليۇ لىڭلىڭ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە «ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكاننى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، باش تېمىلىق كۆرگەزمىدىن باشقا، يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، «4 - نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر كېچىسى . كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنى» «جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى تارىخى . شىنجاڭ كۆرگەزمىسى» قاتارلىق ئون تۈرلۈك پائالىيەت ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ جىن مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، ماركسىزمنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى <ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىسىگە تېز كىرگۈزۈپ>، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەن كۈچىنى قوشىدۇ».

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتى 2018 - يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇدا بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن.