شىنجاڭدىن 50 ئائىلە باھالاندى

日期:2022年05月17日
来源:天山网
【字体:

2022 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر ئېلان قىلىندى

شىنجاڭدىن 50 ئائىلە تىزىملىككە كىردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىكى خەلقئارا ئائىلە كۈنىدە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى 997 ئائىلىنى تەقدىرلىدى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل 997 ئائىلىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەمئىي 97 ئائىلە شەرەپ بىلەن بۇ تىزىملىككە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە 50 ئائىلە 2022 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى.

ئاپتونوم رايوندىن جەمئىي 28 ئائىلە مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى ئائىلە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن جەمئىي 19 ئائىلە مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى ئائىلە بولۇپ باھالاندى. ئاپتونوم رايوندىن جەمئىي 29 ئائىلە 2022 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن جەمئىي 21 ئائىلە 2022 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى.

بۇ ئائىلىلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئائىلىنى سۆيىدىغان، ئۆزئارا ئېجىل ـ ئىناق ئۆتىدىغان، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سوتسىيالىستىك ئائىلە مەدەنىيلىكى يېڭى كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئائىلىلەرنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئۈلگە بولدى.

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى 200 ئىلغار كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى 198 ئىلغار شەخسنى تەقدىرلىدى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن سەككىز كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، سەككىز كىشى مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى.