شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يولنى پىلانلاش، يېڭى سەھىپە ئېچىش

日期:2022年05月17日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

باش ياز 5 ـ ئايدا رەڭگارەڭ گۈللەر بەس ـ بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى. 5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تەقەززا بولغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يول پىلانلاندى، يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

شىنجاڭ خەلق سارىيى قىزغىن، تەنتەنىلىك كەيپىياتقا تولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە پىلانى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن تەقەززاسى، بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى يىغىندا كۈچلۈك ئاساسىي رىتىمنى نامايان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، 13 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى سىستېمىلىق بايان قىلدى.

كۆپچىلىك پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا، مۇھىم نۇقتىلارنى ئاڭلىغاندا، پات ـ پات قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

دوكلاتنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ يول خەرىتىسىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

كۆپچىلىك بۇنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تېخىمۇ تولۇق، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خىزمەت تەپەككۇرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشى ۋە گەۋدىلىنىشى ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا بارلىققا كەلگەن يېپيېڭى كەيپىيات بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقانلىقىنى، بىر ـ بىرىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئەمەلىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان نۇرغۇن خىزمەتلىرىنى كۆپچىلىك كۆرۈپ تۇردى − ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا، شەھەر، يېزا ـ كەنتلەرگە، زاۋۇت ـ كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى چوڭقۇر چۈشەندى، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى؛ تۈرلۈك يىغىنلارنى ئېچىپ مۇقىملىق، ئىقتىساد، سۇچىلىق قاتارلىق مەخسۇس تۈردىكى خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى توپلىدى؛ ئومۇمىي يىغىننىڭ ھۆججەتلىرىنى كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشتى.

پۇختا ئاساس سېلىنغاچقا، بۇ قېتىمقى يىغىندا بېكىتىلگەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەت پىكىر يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، يۆنىلىش تېخىمۇ ئېنىق بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر سېيىت مۇنداق دېدى: «دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، يۆنىلىشى ئايدىڭ، تەدبىرلىرى ئەمەلىي بوپتۇ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملىدى، بۇ بىزنى ئىنتايىن روھلاندۇردى».

گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە كەيپىياتى ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولدى. كۆپچىلىك ھېس قىلغىنى، ئويلىغىنى بويىچە تەسىراتلىرى ئۈستىدە كەڭ ـ كۇشادە پاراڭلاشتى، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

ئىشەنچ، يۆنىلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش... يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېغىزىدا كۆپ قېتىم تەكرارلانغان بۇ سۆزلەر يىغىن سالمىقىنىڭ ئېغىرلىقىنى، پىلانلاشنىڭ ئەمەلىي بولغانلىقىنى قايتا ـ قايتا نامايان قىلدى.

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىر ئۆلچەم، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇشۇ ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەش كېرەك.» تولى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەن يۈخۇ مۇنداق بىلدۈردى: بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان تونۇشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، چۈشەنچىمىز تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز چوقۇم تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ.

«قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.» تارىم داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جاڭ ئەيپىڭ مۇنداق قارىدى: يىغىندا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ چوقۇم شىنجاڭدا يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

«يىغىننىڭ پىكىر يولى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئىنتايىن ئۇيغۇن، ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىزدىكى كۈچلۈك يېتەكچى» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پۇ شۆمېي.

«ماقۇللاندى!» 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارى ماقۇللاندى. يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك خىزمەت نىشانى، ۋەزىپىسى كونكرېت تەدبىرگە ئىنچىكە ئايرىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش؛

تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈپتىن تۈگىتىش؛

سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچىلىك يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ؛

مالىيەنىڭ پەن ـ تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىش ۋە تەجرىبە قىلىش تەرەققىيات خىراجىتىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇش؛

...

ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. ھەربىر يىغىنغا قاتناشقۇچى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قانداق قىلىپ كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئويلانماقتا.

ئەنۋەر سېيىت مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

پۇ شۆمېي مۇنداق دېدى: مەۋقەنى ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «بەش چوڭ مەركەز» ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، شىنجاڭنى غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ دەرۋازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يېقىندىلا ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 ـ يىللىق پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتى قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «قوش كاربون» نىشانى ۋە بايلىق، مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى نىشانلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

...

يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە، يېڭى بۇرچ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىشەنچكە تولۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ!