شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش

日期:2022年05月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا ئۆلچەمگە تايىنىش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇل تاش. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۈچۈن قانۇنچىللىق كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

ئىدىيە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش

نەزەرىيە ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى، ئىدىيە ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ بايرىقى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

«يېڭى مۇساپىدە قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشتا ئاچقۇچ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش.» ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر سېيىت مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىللىق خىزمىتى ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەزمەن شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ۋە ئەدلىيە مەمۇرىيىتى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى ۋە ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقى قانۇنچىللىقنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدا يەتكۈزۈشتەك مۇھىم رولى بار. جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتا شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور سۇڭ باۋچېڭ مۇنداق دېدى: قانۇن ماددىي تۇرمۇشنى مەنبە قىلىدۇ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى خاتىرىلەيدۇ. مول ۋە چوڭقۇر ئىدىيەنى قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىنى ھەرقايسى ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەرگەندىلا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىللىق يولىدا شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئوبيېكتىپ تەلەپ.

ياخشى قانۇن ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، قانۇنچىللىقنى قانچە تەكىتلىگەنسېرى، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى شۇنچە ئۆستۈرۈش كېرەك.

«<شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش> تەلىپىنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، تىرىشىپ ھەربىر تۈرلۈك نىزام چىقىرىشنى ئاساسىي قانۇن روھىغا ئۇيغۇن بولۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نىياز ھاشىم.

«قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانۇنچىللىق يولىغا كىرىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دېدى ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئىليار سېيىتنىياز.

قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىپ، ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئېتىقادىنى كىشىلەر قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇشقا موھتاج. «قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئاممىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئەمەلىي ۋاقىتتا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، دەل جايىدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.» چاقىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ھەم ئاممىباب تىل بىلەن پۇقرالارغا قانۇننىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتى پۈتۈن جەريانىدا جەمئىيەتتىكى ئامما بىلەن ياخشى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەربىر دېلودا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى قانۇن نوپۇزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتىدۇر».

«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنچىللىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش

ھەرقانچە ياخشى ئىدىيەمۇ تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق، ھەرقانچە ياخشى تۈزۈممۇ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق، ھالبۇكى «ئادەم»نىڭ ئاچقۇچلۇق بولۇشى رەھبىرىي كادىرلاردا. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

«رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن قانۇننى ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇندىن پايدىلانغاندىلا، ئاندىن ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزەلەيدۇ، خىزمەتلەرنى توغرا قانات يايدۇرالايدۇ.» خۇاڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇر شەكلىنى سىستېمىلىق يېتىلدۈرۈپ، شۇ جاينىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئىليار سېيىتنىياز مۇنداق بىلدۈردى: رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتقاندىلا، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتىن ئىبارەت «باشلامچىلىق رولى»نى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەڭ ئاساسلىقى پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى يەتكۈزۈش كېرەك، بۇ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ ئاساسى. «ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنى ئېچىشتا يىغىندىن بۇرۇن قانۇن ئۆگىنىش، <بىرىنچى قول> قانۇنغا ئەھمىيەت بېرىش تۈزۈمىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار>نىڭ قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەركەزلىك مەلۇمات بېرىش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، <ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار>نىڭ <مۇتلەق كۆپ سانلىقلار>نى يېتەكلەشتىكى ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك» دېدى ئىليار سېتىنىياز.