شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلايلى

日期:2022年05月17日
来源:天山网
【字体:

[شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى]

تارىخنىڭ يۆگىمە رەسىمى ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا كەڭ ئېچىلدى؛ دەۋر شان ـ شەرىپى ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا پۈتۈلدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتتى، بۇ، بىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى مۇساپىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىزدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان ـ ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مۇقىم ۋەزىيەت سىجىل مۇستەھكەملەندى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى كەيپىياتى نامايان بولدى، ئىسلاھاتنىڭ باھار دولقۇنى كەڭ زېمىندا مەۋج ئۇردى، قانۇنچىللىق ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرماقتا. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، يولى توغرا، ئۈنۈمى ياخشى بولۇشقا باشتىن ـ ئاخىر ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شىنجاڭ چوقۇم شانلىق، پارلاق ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم قائىدە، قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي شەكلى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق پىرىنسىپىنى چىڭ ساقلاپ، خىزمەتلەرنى پىلانلاشتا قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ، سۆز قىلغاندا، ئىش قىلغاندا قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى ئويلىشىپ، ئاڭلىق ھالدا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن دائىرىسى ئىچىدە پائالىيەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت مۇھىتىنى پائال يارىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جاسارەت بىلەن جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

دەۋر چوڭ دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، بۇرچ، مۇھىم تاپشۇرۇق كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ساقلاپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىدىغان ئىجرا قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!