باھار شامىلى كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە

日期:2022年05月15日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

بۇ يىل باھار يەنە بالدۇر كەلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چىققان كۈچلۈك باھار شامىلىدا تۈرلۈك - تۈمەن يېڭى كەيپىيات جۇش ئۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتتى.

ھەر دەرىجىلىك كادىرلار كەڭ ئاممىنى يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، كۈرەش قىلىش پالىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولدى.

باسقان ھەربىر قەدەم پۇختا، سالماق بولدى، قالدۇرغان ھەربىر ئىز مەزمۇت، كۈچلۈك بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كەلگۈسىگە ئىنتىلىش ئىشەنچى قەتئىي بولۇپ، ئىپتىخارلىققا چۆمدى.

بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش

قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ باشلىنىشى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنچىللىق تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتى قانۇنچىللىق كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.

2022 - يىلىغا كىرگەندە، «قانۇنچىللىق» شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئىچىدە «كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان سۆز»گە ئايلاندى. ئاپتونوم رايون ئاچقان نۇرغۇن مۇھىم يىغىنلاردا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى.

جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىدى.

5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، تۈن پەردىسى يېيىلغان چاغدىكى خوتەن كەچلىك بازىرى قىزغىن كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر توپى بىلەن ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى. «جەمئىيەت ئىناق - تىنچ بولغاچقا، تىجارىتىمىز جانلىنىپ كەتتى، ساياھەتچىلەر شاد - خۇرام ئوينىماقتا» دېدى كاۋاپ يايمىسىنىڭ ئىگىسى قۇربان ئوبۇل.

دۆلەتتە ياخشى قانۇن - تۈزۈم بولسا، دۆلەت گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ، خەلق بەختلىك ياشايدۇ.

بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى ھەم بىرقەدەر ياخشى ئىجرا قىلىندى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەر شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇردى، بولۇپمۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى، ھەر مىللەت ئاممىغا يېڭى كەيپىياتنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى.

2022 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز 56 نىزام چىقىرىشنى پىلانلىدى، ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، سانى كۆپ بولۇپ، ھەم ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھەم تەرتىپلىك بولغان ياخشى جەمئىيەت ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك قانۇن تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا قانۇن چىقىرىش، تېخىمۇ مۇھىمى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانۇن بىلىملىرى ۋە قانۇنچىللىق ھېكايىلىرىنى نامايان قىلىدىغان مەدەنىيەت تاملىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ، ئاممىغا يېقىن، كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە «كىچىك ھالەتتىن ئومۇمىيەتنى بىلگىلى بولىدۇ».

بۇ يىل 4 - ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ 19 - قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقات ئېيى». ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شەكلى كۆپ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى 180 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ 3 مىليون 574 مىڭ ئادەم قېتىمغا قانۇن چۈشەندۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەپ، قانۇن بىلىملىرى ۋە قانۇنچىللىق روھىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، «ھەرقانداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە قانۇنغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەرقانداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە قانۇننى ئىزدەش» تەدرىجىي ھالدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. زىددىيەتنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىش مېخانىزمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت ئەمەلىي گەۋدىلىرى سۇپىسى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى ... بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىر ۋە نەتىجىلەر قانۇنچىللىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى، قانۇنچىللىقنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ قايتا يولغا چىقىش

«پىلان تۈزگەندە جەزمەن ئەتراپلىق بولۇش كېرەك.» ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشىنىش، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئىگىلەش خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەنگۈشتەرى، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ھەمدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرغاندىلا، ئاندىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى ئۈزۈل - كېسىل ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماھىيەتتە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىشتۇر.» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامغا <چۆكۈش>تە، تېخىمۇ مۇھىمى ئاساسىي قاتلامغا <چىن كۆڭلى بىلەن> چۆكۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن كۆپرەك بۆسۈش ئېغىزى تېپىپ، زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى تولۇق ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئەجەللىك يېرىنى تېپىپ چىقىپ، دەل جايىدا تۈزەتكىلى بولىدۇ».

ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش خىزمىتى مۇرەككەپ، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى ئوخشاش ئەمەس، پەقەت ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ.

ھەر قېتىمقى ئەنئەنىۋى ئىدىيە قاراشنىڭ چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشتىكى چېنىقىش داۋامىدا يولغا تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلغاندىلا، «ئىدىيەدە ئازاد بولۇش» توسۇۋالغىلى بولمايدىغان كۈچلۈك ئىنېرتسىيەگە ئايلىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

«بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ باشقىچە ھېسسىياتقا كەلدىم.» 4 - ئاينىڭ ئاخىرى، جېڭۋېي خەلقئارا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ۋېنيىن شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلدى، نۇرغۇن جاي ئۇنىڭ بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچرىشىپ ھەمكارلىق ئىشلىرىنى كېڭەشتى. «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شىنجاڭ بىر گۆھەر تۇپراق، گۇرۇھىمىز بۇ جايغا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى داۋاملىق زورايتىدۇ».

سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرىش، پائال نەتىجە يارىتىش داۋامىدا تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. بۇ يىل 1 - پەسىلدە شىنجاڭ نامىدىكى سودىگەر چاقىرىش قوشۇنى ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، نەق مەيداندا سودىگەر چاقىرىش، كەسىپلەرگە سودىگەر چاقىرىش، باغچە رايونلىرىغا سودىگەر چاقىرىش، سودىگەرلەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

«ھەرقايسى جايلارنىڭ <ئالاقە تورى+سودىگەر چاقىرىش> ئېھتىياجىمۇ تەخىرسىز بولدى.» ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دۇڭ چاڭخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: سودىگەر چاقىرىش، سودا پۇرسىتى ئىزدەشكە توردا ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىش يولى» مەخسۇس رايونى تەسىس قىلدى، بۇ، 3 - ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە سانجى، ئىلى، بايىنغولىن، قىزىلسۇ، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، شاڭخەي، خېيلۇڭجياڭدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلار بەس - بەستە تېلېفون بېرىپ، «مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسى»غا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش يولى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ، بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىيات ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

كەڭ قۇچاق ئېچىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن دائىملاشقان ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش بويىچە سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، «يابۇلى مۇنبىرى»گە قاتناشقان دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلار بەس - بەستە شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كېڭىشىپ سۆھبەتلىشىپ، نۇرغۇن ساھەلەردە مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىش مۇددىئاسىنى ھاسىل قىلدى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشكە بېرىپ، ھەرقايسى جايلار بىلەن بولغان ئىقتىسادىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ ياخشى كۆزلىمىسى ۋە كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بەردى.

تەرەققىياتنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

«پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - پەسىللىك مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى!» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا «ئىش باشلاش بۇيرۇقى» چۈشۈرۈلدى، شىنجاڭدىكى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك 4467 مۇھىم، زور تۈردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، بۇنىڭ بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكىلەرنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

كەسىپ تۈرلىرى ھەر كۈنى غول تارتىپ يېتىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە تىرەك بولدى −

1 - پەسىلدە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 397 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئوتتۇرا ئېقىننىڭ شىددەتلىك قاينىمىدا، پالاقنى كۈچەپ ئۇرغانلار مەنزىلگە ئاۋۋال يېتىپ بارالايدۇ.

تېخىمۇ ياخشى ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتە شىنجاڭنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، قەدىمى پۇختا بولدى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى −

مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈردى، ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇردى، ئىشچىلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى سىجىل تېزلىتىلدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا تايىنىپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار، چېگرا بويىدىكى پورتلارنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىدا ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر ئۈزلۈكسىز بېيىدى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى. 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 37 مىليارد 830 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.9 ئاشتى.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكى ئومۇميۈزلۈك يارىتىلدى −

ئۈمىدكە تولغان كەڭ دالىلاردا كېۋەز، يازغى بۇغداي، قىزىلچا، ئارپىبەدىيان، لازا، شوخلا مايسىسى قاتارلىقلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ «سىمفونىيەسى»نى ياڭراتتى، كۆپ قىسىم دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ماشىنا بىلەن تېرىش، ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش ئىشقا ئېشىپ، دېھقانلار «تەبىئەتكە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش»تىن «پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش»قا يۈزلەندى. 1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليارد 204 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى.

چۆل - باياۋانلاردا نېفىت، خىمىيە، مېتاللۇرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غوللۇق كەسىپ تۈرلىرى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئىلغار قوللىنىشچان تېخنىكا قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرماقتا.

بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىندى −

تىجارەت - سودا مۇھىتى كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى تۇپراق بولۇپ، رايونلارنىڭ رىقابەت كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچ. ھەرقايسى جايلار «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رەقەملىك ھۆكۈمەت»، «قانۇنچىل ھۆكۈمەت» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى «توردا بېجىرىش، دەرھال بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش، كۆرۈشمەي بېجىرىش»كە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە «سۈرئەتنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 110 مىڭغا يەتتى. شىنجاڭ بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان كارخانا ئومۇمىي سانى 460 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشتى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى −

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ياخشىلاشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، قانۇنچىللىققا تايىنىپ گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغاچقا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىي رېڭى بارغانسېرى سۈزۈكلەشتى، يارقىنلاشتى.

شىنجاڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بايلىقلاردىن جانلىق پايدىلىنىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئىشلىتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى قەدەممۇقەدەم تەرتىپلىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا ئۆزگەرتتى.

ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى كۈرەش قىلىش يۆنىلىشى قىلىش

بۇ يىل ھەبىبە راخماننىڭ يەنە بىر يېڭى خىزمىتى كۆپىيىپ، خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى باش لاسكۇي كەنتىنىڭ كەنت دەرىجىلىك مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى بولدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى، ئېرى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئۇ ئۆزى يالغۇز بالىسىنى بېقىپ، كىچىك دۇكان ئېچىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كۆزىتىش، ئۆلچەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇنى نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش، ئۆلچەش ۋە ياردەم قىلىش - يۆلەش خىزمىتىنى يولغا قويدى.

«ھازىر ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.» ھەبىبە مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا بىزگە يار - يۆلەك بولدى».

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاراپ ئاتلىنىپ، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئىچكى خاس مەزمۇننى كۈچەيتىشنى پۇختىلاپ، يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللىنىش ئاساسىي رېڭىنى سىزىپ چىقتى.

ئاممىنىڭ ساداسى قەلبكە پۈكۈلۈپ، «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار» ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇلدى. بۇ يىل شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى. قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشتىن تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولىدىغان كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەتكىچە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

ھەر مىللەت ئامما بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش مىليونلىغان تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

غۇلجا شەھىرىنىڭ چوڭ كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى بەخت مەھەللىسىدىكى پارتىيە - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە ھەر مىللەت ئامما ئورتاق تىككەن 56 تۈپ دەرەخ بار.

مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىرلىكتە ئۆگەنمەكتە، دائىم ئۆزلىرى تەييارلاپ ئۆزلىرى ئورۇنلىغان ئۇسسۇل، ئېتۇتلارنى ئويناپ، شاد - خۇرام تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇش ئارقىلىق، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى.

ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلىدى، باشقا ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار ۋە شەخسلەر شىنجاڭغا كېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلىدى... ھەرقايسى مىللەتلەر كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا، «يۇغۇرۇلغانسېرى» يول كېڭەيدى، «يۇغۇرۇلغانسېرى» پۇرسەت كۆپەيدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق يۈزلىنىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمى بارغانسېرى قەتئىي بولدى، بارغانسېرى مەزمۇت بولدى.

تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، مۇشۇ پەيتتىكى شىنجاڭ تۇپرىقى يېشىللىققا پۈركىنىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، چەكسىز ئۈمىدكە تولدى.